ياغسىزلاندۇرۇلغان سۈت، قېتىق ئىچسە ئورۇقلامدۇ

日期:2020年09月09日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:

شىنخۇا تورى خەۋىرى:كۆپ ھەرىكەت قىلىشتىن باشقا، مۇۋاپىق غىزالىنىشمۇ ئورۇقلاشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى. كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا، بىز دائىم «ياغسىزلاندۇرۇلغان سۈت ئىچسە ئورۇقلايدۇ»، «قېتىق ئىچسە ئورۇقلىغىلى بولىدۇ» دېگەندەك سۆزلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز، بۇ قاراشلارنىڭ راستتىنلا ئىلمىي ئاساسى بارمۇ؟

ئىسمىدىنلا چىقىپ تۇرىدۇكى،«ياغسىزلاندۇرۇلغان سۈت»ياغ تەركىبى ئايرىۋېتىلگەن سۈت بولۇپ، تېخىمۇ كەسپىي نۇقتىدىن چۈشەندۈرسەك نورمال خام كالا سۈتى تەركىبىدىكى ياغ پىششىقلاپ ئىشلەش تېخنىكىسى ئارقىلىق ئايرىۋېتىلگەن،تەركىبجەھەتتەئادەتتىكى كالا سۈتىياغ مىقدارىنىڭ 1/7گە يەتمەيدىغان بىر خىل سۈت مەھسۇلاتىنى كۆرسىتىدۇ. ياغ تەركىبى تولۇق سۈتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ياغسىزلاندۇرۇلغان سۈتنىڭ ياغ مىقدارى %0.5تىن تۆۋەن بولىدۇ، شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر ياغ مىقدارى ئاز سۈتنى ئىچسەسەمىرىپ كەتمەيدۇ، ئورۇقلاش مەقسىتىگىمۇ يەتكىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.

ئەمەلىيەتتە، «ياغسىزلاندۇرۇلغان سۈت ئىچسە ئورۇقلايدۇ» دېگەن بۇ قاراش ئىلىم-پەندە پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. ياغسىزلاندۇرۇلغان سۈت تەركىبىدىكى ياغ ئايرىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭدىكى ئېنېرگىيە ياكى ئوزۇقلۇق ماددىلارمۇ يوقاپ كېتىدۇ، شۇڭا ياغسىزلاندۇرۇلغان سۈتنىڭ خوراش سۈرئىتىمۇ بىر قەدەر تېز بولۇپ، ئادەمدە ئاسانلا قورساق ئېچىش تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ. ئەمما ياغ تەركىبى تولۇق سۈتتىكى ياغ ۋە ئىسسىقلىق مىقدارى ئادەمنىڭ تويۇش سېزىمىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، ئۇزۇن ۋاقىت ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەپ، قورساقنى ئاچۇرمايدۇ، بۇ ئېنېرگىيەنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى كونترول قىلىشقا تېخىمۇ پايدىلىق.

ئۇنىڭدىن باشقا، ياغسىزلاندۇرۇلغان سۈت پۇراقسىز بولۇپ، تەمى ئانچە ياخشى ئەمەس، بەزى سودىگەرلەر تەمگە ئېتىبار بېرىش ئۈچۈن، خۇرۇچ ئارقىلىق تەمنى تەڭشەيدۇ. گەرچە ھەسەل قوشۇش ياكى باشقا ماددىلارنى قوشۇش ئارقىلىق ياغسىزلاندۇرۇلغان سۈتنىڭ تەمىنى ياخشى قىلغىلى بولسىمۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئىسسىقلىق مىقدارىمۇ ئېشىپ كېتىدۇ. ياغسىزلاندۇرۇلغان سۈتنىڭ ئۆزى بىخەتەر بولسىمۇ، ئەمما كۈندە كۆپ مىقداردا خۇرۇچ قوشۇلغان ساختا ياغسىزلاندۇرۇلغان سۈتنى ئىستېمال قىلغاندا، ئەكسىچە سەمىرىش ئېھتىماللىقى ۋە بىخەتەر يوشۇرۇن خەۋپىگە دىققەت قىلىش كېرەك.

ئوخشاشلا، «قېتىق ئىچكەندە ئورۇقلىغىلى بولىدۇ» دېگەننىڭ داۋلىسىمۇيۇقارقىغا ئوخشاش. قېتىقنىڭ ئاقسىل مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، ئەگەر قېتىققا شېكەر قوشۇلمىغان بولسا، قېتىق ئىچكەندە ئېغىرلىقنى چۈشۈرۈپ مۇسكۇلنى چىڭىتىشقا ھەقىقەتەن بەلگىلىك پايدىسى بولىدۇ. ئەگەر قەنتسىز قېتىقنى بەك چۈچۈمەل دەپ قاراپ،شېكەر ياكى ھەسەل قوشۇپ ئىستىمال قىلسا، ئورۇقلىتىش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولمايدۇ. شۇڭا «قېتىق ئىچسە ئورۇقلايدۇ» دېگەن بۇ قاراشنىڭ ئىلمىيلىكى يوق.

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۇسۇلى مۇۋاپىق غىزالىنىش ۋە ھەرىكەت قىلىش، ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، يېمەك-ئىچمەكنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. «يېيىش» ئېنېرگىيە قوبۇل قىلىشنى، «ھەرىكەت قىلىش» ئېنېرگىيە سەرپ قىلىشنى كۆرسىتىدۇ، سەرپ قىلىنغان ئېنېرگىيە قوبۇل قىلىنغان ئېنېرگىيەدىن ئازراق كۆپ بولسىلا، تەبىئىي ھالدا ئورۇقلىغىلى بولىدۇ. كۆپ ھەرىكەت قىلىپ مۇۋاپىق غىزالىنىپ ئورۇقلاش ساغلام ئورۇقلاش ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ.