شاۋقۇنمۇ ئادەمنى سەمرىتىۋېتىشى مۇمكىن

日期:2020年09月07日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:

تاماقنى كۆپ يېيىش، ئاز ھەرىكەت قىلىش، بېسىم ئېغىربولۇش... بۇلارنىڭ ھەممىسى سېمىزلىكنى پەيدا قىلغۇچى سەۋەب. يەنە بىر سەۋەبنى نۇرغۇن كىشىلەر بىلمەسلىكى مۇمكىن، ئۇ بولسىمۇ شاۋقۇن. شىۋېتسىيە كارولىن تېببىي داشۆسىنىڭتەتقىقاتچىلىرى يېقىندا بېسىقتاشيول بۆلەكلىرى، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىياكى تۆمۈر يول ئەتراپىدا ئولتۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرا ياش مەزگىلىدە ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش نىسبىتىنىڭ تىنچراق رايونلاردا ياشايدىغان كىشىلەرنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.

ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، شاۋقۇن ئاڭلاش ئىقتىدارىغا زىيان يەتكۈزىدىغان بولۇپ، يەنە يۇقىرى قان بېسىمى، يۈرەك كېسىلى، سەكتە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە شاۋقۇن سەگەك ۋاقتىڭىزدا سالامەتلىككەتەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، ھەتتا ئۇخلىغان ۋاقىتتىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىكەن. ئەنگلىيە لوندون داشۆسىروھىي كېسەللىكلەر ئىلمىنىڭ پىروفېسسورى ستېفستانسفېلد چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: شاۋقۇن ئادەم بەدىنىنىڭ نېرۋا سىستېمىسى ۋە ھورمۇن سەۋىيەسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يۈرەك رېتىمى تېزلىشىپ، قان بېسىمئۆرلەيدۇ، شۇنداقلا ماينىڭپارچىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» شاۋقۇننىڭ تەسىرىنى ئازايتىدىغان بىر قانچە ئەسكەرتىش بىلەن تەمىنلىگەن: 1. يېشىل ئۆسۈملۈك سېتىۋېلىش، ئۆسۈملۈكلەر ئاۋاز دولقۇنىنى قوبۇل قىلىپ، شاۋقۇننى ئازايتىدۇ؛ 2.شاۋقۇنلۇق مۇھىتتىن قېچىش، مەسىلەن، باغچىغا بېرىش ياكى ئۆيدىكى ھاجەتخانىدا دالدىلانغاندا،جىمجىتلىقتىن بىر پەس بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ؛ ئەنگلىيە ئاڭلاش ئىقتىدارى مۇتەخەسسىسى لارف خوم مۇنداق دېدى: 10-15 مىنۇتقىچە قىسقا دەم ئالغاندىمۇ، ئىچكى قۇلاقنىڭ ئاڭلاش تۈك ھۈجەيرىلىرى ئەسلىگە كېلىشكە باشلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، نائۇشنىك تاقىغاندا ئاۋازنى 15-35 دېتسىبېلغىچە تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.