مۇتەخەسسىسلەر ئەسكەرتمىسى: يۇقىرى باھالىق تۆگە سۈتىدە يەنە نۇرغۇن «ئېنىقسىز» تەرەپلەر بار

日期:2020年09月07日
来源:天山网
【字体:

يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، بازاردا ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى سۈتلەربارغانسېرى كۆپەيدى، كالا سۈتى، قوي سۈتى، تۆگە سۈتى ...... توردا بىر خىل قاراش كەڭ تارقالدى، تۆگە سۈتىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى كالا سۈتىدىن كۆپ يۇقىرى، باھاسىمۇ ئادەتتىكى كالا سۈتىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى، دائىم ئىچكەندە قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمى بار. ئۇنداقتا، ئەمەلىيەت راستىنلا شۇنداقمۇ؟

ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس.

تۆگە سۈتىنى ئادەتتىكى سۈتكە سېلىشتۇرغاندا ئوزۇقلۇق پەرقى ئانچە چوڭ ئەمەس

ئاسىيا رايونىدىكى تۆگە سۈتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ئۈچ چوڭ ئوزۇقلۇق ماددىسىنىڭ مىقدارى ھەقىقەتەن ئادەتتىكى سۈتنىڭكىدىن يۇقىرى، تەمىمۇ بىر قەدەر قويۇق بولىدۇ. ئەمما، خام تۆگە سۈتى بازاردا سېتىلىۋاتقان تۆگە سۈتىگە تەڭ ئەمەس. ھەر بىر تۆگىدىن چىقىدىغان خام تۆگە سۈتىدىمۇ پەرق بولىدۇ، باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش، ئوراپ قاچىلاش قاتارلىق بىر قاتار ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشتىن كېيىن، ئوزۇقلۇق سانلىق مەلۇماتىدىمۇ ئۆزگىرىش بولىدۇ. مەلۇم بىر تۆگە سۈتىنى مىسالغا ئالساق، ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى جەدۋىلىدە مۇنداق يېزىلغان: ھەر 100 گىرام تۆگە سۈتى تەركىبىدىكى ئاقسىل، ياغ ۋە كاربون سۇ بىرىكمىلىرى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا 3.5 گىرام، 4.5 گىرام ۋە 4.5 گىرام بولىدۇ. ئادەتتىكى سۈتكە سېلىشتۇرغاندا، بۇ تەركىبلەردە پەقەت ياغ ئازراق يۇقىرى بولۇپ، ئاقسىل ۋە لاكتوزا مىقدارىدا كۆپ پەرق يوق.

بۇنىڭدىن قارىغاندا، تۆگە سۈتىمۇ كۆپ ئەۋزەللىككە ئىگە دېگىلى بولمايدۇ، قانداقلا بولمىسۇن ئۇ كالا سۈتىدىن كۆپ قىممەت.

تۆگە سۈتىنىڭ قان قەنتى ۋە قاندىكى مايغا بولغان تەسىرىنى يەنىمۇ دەلىللەشكە توغرا كېلىدۇ

نۇرغۇن كىشىئاقسىل، ۋىتامىن قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تولۇقلاشنى ئويلاشقاندىن باشقا، تۆگە سۈتىنىڭ ساقلىقنى ساقلاش ئىقتىدارىنى كۆزدە تۇتىدۇ، ئەمما نۇرغۇن «ئۈنۈم» ئىچىدە، ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى «قان قەنتىگە پايدىلىق» تەرىپى. ئۇنداقتا، تۆگە سۈتى ئىچسە راستتىنلا قاندىكى قەنت مىقدارىنى تۆۋەنلەتكىلى بولامدۇ؟

ئەمەلىيەتتە، بۇ قاراشمۇ قۇرۇق گەپ ئەمەس. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، تۆگە سۈتى تەركىبىدە ئىنسۇلىن بار ئىكەن. ئادەتتىكى ئىچىدىغان ئىنسۇلىن دورىسىغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، تۆگە سۈتى تەركىبىدىكى ئىنسۇلىن نامو دانچىلىرىغا ئورالغان بولىدۇ، كىچىك ئۈچەي تەرىپىدىن ئاسان سۈمۈرۈلىدۇ،ئۇنىڭدىن باشقا، تۆگە سۈتىدە يەنە ئىنسۇلىنغا ئوخشاپ كېتىدىغان كىچىك مولېكۇلا بولۇپ، ئىنسۇلىن قوبۇل قىلغۇچى تەنچە بىلەن ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۆگە سۈتى يەنە ئىنسۇلىن قوبۇل قىلغۇچى تەنچىنىڭ ئىقتىدارى ۋە گىلۇكوزىنى يۆتكەشكە تەسىر كۆرسىتىپ، شۇ ئارقىلىق گىلۇكوزىنىڭ تۇراقلىق ھالىتىنى تەڭشەيدۇ.

باشقا كلىنىكىلىق تەتقىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، تۆگە سۈتى ئىچكەندە قاندىكى قەنت مىقدارىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ، ئاز-تولا دىيابېت كېسىلىنى ياخشىلاشتا بەلگىلىك رولى بار، ئەمما دورىنىڭ ئورنىنى پۈتۈنلەي ئالالمايدۇ.

ئوزۇقلۇقنىمۇ، ئۇنىۋېرسال باھا نىسبىتىنىمۇ ئويلىشىش كېرەك

كۆپ ساندىكى كلىنىكىلىق تەجرىبىلەردە تۆگە سۈتىئىچىش مىقدارى كۈنىگە 500 مىللىلىتىر بولۇش تەۋسىيە قىلىنغان. نۆۋەتتە ئېلىمىزدىكى بازار باھاسى بويىچە بولغاندا، 500 مىللىلىتىرلىق تۆگە سۈتىگە 150 يۈەنگە يېقىن پۇل كېتىدۇ. شۇڭا، ئىقتىسادى شارائىتى ياخشى دىيابېت ئاغرىقلىرىغانىسبەتەن ئېيتقاندا، تۆگە سۈتى ئىچىش پايدىلىق. ئەمما مائاشلىقلار قاتلىمىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تۆگە سۈتىنى بۇنچە كۆپ پۇل خەجلەپ سېتىۋېلىشقا ئەرزىمدۇ-يوق، يەنە ئويلىشىپ بېقىشقاتوغرا كېلىدۇ.