ئۇيقۇ ناچار بولسا يۈرەك بىلەن جىگەرنى قۇۋۋەتلەش كېرەك

日期:2020年09月10日
来源:天山网
【字体:

پايتەخت تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى بېيجىڭ يوۋئەن دوختۇرخانىسى جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈش مەركىزىنىڭ مۇدىر ۋىراچى ياڭ خۇاشېڭ

يېرىم كېچە بولغاندا، بەزىلەر بالدۇرلا ئۇيقۇغا كېتىدۇ ۋە شۇ ئۇخلىغانچە ئىككىنچى كۈنى ئاندىن ئويغىنىدۇ، بەزىلەر ئۇياق-بۇياققا ئۆرۈلۈپ، توختىماي قاباھەتلىك چۈش كۆرۈپ، تاڭ يورۇماستىنلا ئويغىنىپ كېتىدۇ. تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، دۆلىتىمىزدە %45.4 ئادەمنىڭ ئۇيقۇسى توسالغۇغا ئۇچرايدىكەن. ئۇزۇن مۇددەت ئۇخلىيالماسلىق جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن زىيادە چارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يۈرەك كېسىلى، دىيابېت كېسىلى قاتارلىق ئەسلىدە بار بولغان كېسەللىكلەرنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىكەن. ئۇزاق مۇددەت ئۇيقۇ دورىسى ئىشلەتكەن ئاغرىقلار يەنە دورىنىڭ ئەكس تەسىرىگە ئۇچرايدىكەن. جۇڭيى تېبابىتىدە ئۇيقۇنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشىغا خېلى بالدۇرلا دىققەت قىلىنغان، «ئىچكى كېسەللىكلەر دەستۇرى»دا ئۇيقۇسىزلىقنى داۋالاش كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىنغان. جۇڭيى تېبابىتىدە ئۇيقۇسىزلىقنى پەرقلەندۈرۈپ تۈرگە ئايرىشئىنتايىن تەپسىلىي بولۇپ، كېسەللىك سەۋەبى، كېسەللىك مېخانىزمى نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ، ئايرىم داۋالاش تەكىتلىنىدۇ.

  جۇڭيى تېبابىتىدە ئۇيقۇ بىلەن بەش ئەزانىڭ مۇناسىۋىتى بار دەپ قارىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە يۈرەك بىلەن جىگەرگە روھىي ھالەت يوشۇرۇنغان بولۇپ، يۈرەك، جىگەردىن ئىبارەت ئىككى ئەزانىڭ ئۇيقۇ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئەڭ زىچ بولىدىكەن. ئوخشىمىغان ياشتىكى كىشىلەرنىڭ ئۇيقۇسىزلىقىدىمۇ مۇئەييەنقانۇنىيەت بولىدۇ، ياشلارنىڭ ئۇيقۇسىزلىقىدا كۆپىنچە يۈرەك، جىگەرنىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش ئالامەتلىرى كۆپرەك كۆرۈلىدۇ؛ ياشانغانلاردا كۆپىنچە جىگەر، بۆرەك ئاجىزلاش، زەئىپلىشىش ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ.

ئاغرىقنىڭ كېسەللىك ئالامىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، جۇڭيى تېبابىتىدە ئۇيقۇسىزلىق ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل ئەھۋالغا بۆلۈنىدۇ:

ئۇخلىيالماسلىق: ئۇياق-بۇياققا ئۆرۈلۈپ، روھىي جەھەتتىن بىئارام بولۇش، دائىم ئېغىزىغا جاراھەت چىقىش، كىچىك تەرىتى قىزىل كېلىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، كۆپىنچە روھىي بېسىم ئېغىر بولۇشتىن كېلىپ چىقىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال كۆپىنچە يۈرەك ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش بولۇپ، ئازراق نېلۇپەر ئۇرۇقىنىڭ ئۆزىكى بىلەن چاي دەملەپ ئىچسە، يۈرەك ئىسسىقىنى پەسەيتىدۇ. ئەگەر تىت-تىت بولۇش، ئاسان ئاچچىقلىنىش، باش قېيىش قاتارلىق ئالامەتلەر قوشۇلۇپ كۆرۈلسە، كۆپىنچە جىگەرنى ئىسسىق قاپلاپ كېتىشتىن بولۇپ، ئازراق ياز غازىڭى (يازدا قۇرۇغان ئوت-چۆپلەر)نى چاي ئورنىدا دەملەپ ئىچسەياكى گېنتىئانا جىگەردىكى ئىسسىقنى تارقىتىش كومىلىچى بىلەن جياۋېي شياۋياۋ كومىلىچى قاتارلىق جۇڭيىچە تەييار دورىلارنى ئىچىپ تەڭشەشكە بولىدۇ.

ئۇيقۇسى ياخشى بولماسلىق: ئۇخلاش ۋاقتى قىسقا بولىدۇ، ئاسان ئويغىنىدۇ، ئويغانغاندىن كېيىن قايتا ئۇخلىيالمايدۇ، ئۇيقۇ سۈپىتى ناچار بولىدۇ، دائىم ئۇخلىغاندەك ھېس قىلىدۇ، ئويغانغاندىن كېيىن ماغدۇرسىزلىنىدۇ، بېشى قايىدۇ، كۆپىنچە ھالداروھىي كەيپىياتى ياخشى بولمايدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا ئازراق نېلۇپەر ئۇرۇقى ئۆزىكى بىلەن شىزاندىرانى چاي ئورنىدا دەملەپ ئىچسە ياكى تيەنۋاڭ يۈرەك قۇۋۋەتلەش دورىسىنى ئىچسە بولىدۇ.

كۆپ چۈش كۆرۈش: بەك كۆپ چۈش كۆرىدۇ، يەنە كېلىپ قالايمىقان، ھەر خىل چۈش كۆرىدۇ، ئۇخلىغاندىن كېيىن خۇددى كىنو كۆرگەنگە ئوخشاش تاڭ ئاتقۇچە داۋاملىق چۈش كۆرىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا كۆپىنچە ئاشقازان بىئارام بولۇش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، چوڭ تەرەت نورمالسىز بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئاغرىقلار مايسىز غىزالىنىشقا دىققەت قىلىشى، بولۇپمۇ كەچلىك تاماقتا مايسىز تاماقلارنى يېيىشى، ئازراق غىزالىنىش، ئاسان ھەزىم بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى كېرەك.

بالدۇر ئويغىنىپ كېتىش: ئۇخلاش ۋاقتى قىسقا بولىدۇ، بالدۇر ئويغىنىپ كېتىدۇ، ئويغانغاندىن كېيىن قايتا ئۇخلىيالمايدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. بۇ ئەھۋال ئوتتۇرا ياشلىقلاردا كۆپىنچە تەشۋىشلىنىش، سەپرا بولۇپ قېلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ، بۇ چاغدا جياۋېي شياۋياۋ كومىلىچىنى ئىستېمال قىلسا بولىدۇ؛ ياشانغانلاردا كۆپىنچە يۈرەك، تال ئاجىزلىقى كۆرۈلىدۇ، بۇنداق چاغدائادەمگىياھ تالنى قۇۋۋەتلەش كومىلىچىنى ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.