مۇنداق غىزالانغاندا چوڭ مېڭە 7.4 ياش ياشىرىدۇ

日期:2020年08月27日
来源:天山网
【字体:

ئامېرىكا چىكاگو رۇش داشۆسى تېببىي مەركىزى قانات يايدۇرغان بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ياشانغانلار «مېڭىنى ساغلاملاشتۇرىدىغان» يېمەكلىك بىلەن سىجىل غىزالانسا بىلىش ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشىنى 7.5 يىل كېچىكتۈرگىلى بولىدىكەن.

تەتقىقاتچىلار بەش يىلغا يېقىن تەكشۈرۈش داۋامىدا، ئوتتۇرىچە يېشى 81.4 ياش بولغان ئالتىسخېيمېر كېسىلى يوق 960 ياشانغان كىشىنىڭ بىلىش ئىقتىدارىغا قارىتا باھالاش ئېلىپ بارغان ھەمدە كۈندىلىك يېمەك-ئىچمىكىنى تەھلىل قىلغان. نەتىجىدە بايقىلىشىچە، «MIND غىزاسى» (تولۇق ئاتىلىشى: نېۋروننىڭ چېكىنىشىنى كېچىكتۈرىدىغان ئوتتۇرا دېڭىز ئۇسلۇبىدىكى ئارىلىشىش ئۇسۇلى) سىجىللىقىنى ساقلىغان ياشانغانلارنىڭ بۇنداق غىزالانمىغانلارغا قارىغاندا چوڭ مېڭىسىنىڭ بىلىش ئىقتىدارى 7.5 يىل ياش بولغان. «MIND غىزاسى»نى رۇش داشۆسى تېببىي مەركىزى ئوزۇقلۇق تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى ئالىملىرىدىن مارسا، كلارى، مورىس ھەمكارلىشىپ تەتقىق قىلىپ چىققان. «MIND غىزاسى» يەنە يۇقىرى قان بېسىم، يۈرەك كېسىلى، سەكتە قاتارلىق يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدىكەن.

بۇ خىل غىزالىنىش ئۇسۇلىدا مېڭىنى ساغلاملاشتۇرىدىغان 10 خىل يېمەكلىكنى يېيىش، ساغلام بولمىغان يېمەكلىكلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى كونترول قىلىش تەكىتلىنىدۇ. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم دانلىق زىرائەت تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى يېيىش، بىر كىشىلىك يېشىل يوپۇرماقلىق ۋە باشقا تۈردىكى كۆكتاتلارنى يېيىش، قاتتىق پوستلۇق مېۋە يېيىش، ھەر كۈنى پۇرچاق تۈردىكى يېمەكلىكلەرنى يېيىش، ھەر ھەپتىدە ئاز دېگەندىمۇ بىر قېتىم بېلىق يېيىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تەتقىقاتتا يەنە، بىلىش ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بەزى ساغلام بولمىغان يېمەكلىكلەرنىڭ ئىستېمال قىلىنىش مىقدارىنى كونترول قىلىش، جۈملىدىن سارماينى كۈنىگە بىر قوشۇقتىن ئارتۇق ئىستېمال قىلماسلىق، قەنت - گېزەك، پېچىنە-پىرەنىك، ياغ، مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىك ياكى تېز تاماقخانىلارنىڭ تاماقلىرى قاتارلىق ساغلام بولمىغان يېمەكلىكلەرنى ھەپتىدە بىر قېتىمدىن ئارتۇق يېمەسلىك تەشەببۇس قىلىنغان. (ھايات ۋاقىتلىق گېزىتىنىڭ تەكلىپلىك مۇخبىرى لى يۆكاڭ)