ئالدىراش خىزمەت داۋامىدا بېسىمنى يېنىكلىتىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ

日期:2020年08月21日
来源:天山网
【字体:

پىسخىكا مۇتەخەسسىسلىرى مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش نۇقتىسىدىكى خىزمەتچى خادىملارغا ئەسكەرتىدۇكى:

ئالدىراش خىزمەت داۋامىدا ئۆزىڭىزنىڭ بېسىمىنى يېنىكلىتىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر چېن يەنفاڭ): يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىكى ھەربىر مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش نۇقتىسىدا نۇرغۇنتېببىي خادىمۋە خىزمەتچى خادىمجاسارىتىنى ئۇرغۇتۇپ ئىشلىدى،ئۇلار ھەر كۈنىئىشلارنى ئۇششاق ۋە يىرىك دېمەي، تۈرلۈك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇلازىمەت خىزمىتى بىلەن مەشغۇلبولۇپ،ئۈرۈمچىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. 7-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن باشلاپ، بارلىق شەھەر ئاھالىسىنى پىسخىكا جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىش، يېتەكلەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقان«ئىللىقلىق ھەمراھ مۇھەببەت لىنىيەدە» يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش پىسخىكىلىققوللاش پىدائىيلار مۇلازىمەت پائالىيىتىدىمۇبارلىق مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش نۇقتىلىرىغا پىسخىكا مەسلىھەتچىلىرى سەپلىنىپ، بۇ يەردىكى خىزمەتچى خادىملارغامۇستەھكەم پىسخىكىلىق مۇداپىئە تېمى بەرپا قىلىپ بەردى.

8-ئاينىڭ 15-كۈنى، مۇخبىر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بويىچە پىسخىكلىقياردەم بېرىش پىدائىيسى شەھەرلىك 4-خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ كاندىداتمۇدىر ۋراچى ما شياۋجيې ۋە دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك پىسخىكامەسلىھەتچىسى رېن سۈييۇەن بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنى تېببىي كۆزىتىش نۇقتىلىرىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ پىسخىكىسىنى تەڭشەش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇلازىمىتى قىلغاندا، ياخشى كەيپىياتنى ساقلاش كېرەك

رېن سۈييۇەن: تېببىي كۆزىتىش نۇقتىلىرىدىكى خىزمەتچى خادىملار ھەر كۈنى ئىنتايىن مۇھىم، قاتتىق تەلەپ قويۇلىدىغان كۈندىلىك مۇلازىمەت خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغانبولۇپ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، كۆڭلىدە ۋىرۇسقا بولغان ۋەھىمە، ئائىلىسىدىكىلەرنى سېغىنىش ۋەئۇلارغا بولغانخىجىللىق تۇيغۇسىدىن ساقلىنالمايدۇ. ئۇزۇن مۇددەت يۇقىرى سىجىللىقتا خىزمەت قىلىۋەرسە، ئۇيقۇسىزلىق، تەشۋىشلىنىش، ماغدۇرسىزلىنىش، بىئارام بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ كەيپىياتى ۋە ھالىتىنى قوبۇل قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىش، ئۆزىگە بۇنىڭ سېزىمچانلىق ھالىتىدىكى نورمال ئىنكاس ئىكەنلىكىنى ئېيتىشكېرەك، يەنى بۇ جىددىي ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە، ئادەم بەدىنى ئاپتوماتىك ھالدا چىقارغان تاقابىل تۇرۇش ئىنكاسى بولۇپ، بىزنىڭ بەدىنىمىزنىڭ مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ نورمال خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، بۇ چاغدائۆزىمىزنى ئەركىن تۇتساقلا بولىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر كۈنى خىزمەتتىن باشقا ۋاقىتلاردا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىش، تېلېفوندا سىنلىقئۆزئارا ئەھۋاللىشىش، ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلۈش، كۆرۈشكەندەھېسسىياتىنى ئىپادىلەشنىڭ ھەممىسى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىكى چارچاشنىپەسەيتەلەيدۇ.

ئەگەر بەزىدە بىر قىسىم مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىلىۋاتقان كىشىلەردەئۆزكەيپىياتى سەۋەبىدىن ئاغرىنىدىغان ۋەسەۋەبسىز قۇسۇر ئىزدەيدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلسە، خىزمەتچى خادىملارئۇلارنىڭ قەلبىدىكى ۋەھىمە ۋە تەشۋىشلىنىش كەيپىياتىنى مۇۋاپىق ئىپادىلەيدىغان ئۇسۇل ۋە يولتاپالماي، ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى باشقۇرالمىغانلىقىنى، بۇنىڭ ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ ياخشى قىلالمىغانلىقى سەۋەبىدىن ئەمەسلىكىنى بىلىشى، توغرا چۈشىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلىشى، كۆڭلىگە ئالماسلىقى كېرەك.

كەيپىيات جىددىيلىشىپ تىت-تىت بولغانداتوختاپ بىر نەچچە قېتىم چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، ئىشى يوق ۋاقىتلاردا لۈگۇ پەللىسى(قۇلاقنىڭ ئۈستۈنكى قىسمى)نى ئاستا باسقاندا، بىر قسىم تەشۋىش ۋە خامۇشلۇق كەيپىياتىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ، ھەر كۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ياخشى كۆرىدىغان ناخشا ياكى يېنىك مۇزىكىلارنى ئاڭلىسا بولىدۇ. ئەگەر ئۇدا بىر ھەپتىگىچە كەيپىياتىنى تەڭشىيەلمىسە،پىسخىكىلىق ياردەم بېرىدىغان كەسپىي خادىملاردىن ياردەم تەلەپ قىلسا بولىدۇ، ھەرگىزمۇكەيپىياتىنى زورلاپ باسماسلىقى كېرەك.

ئۆزىگە كۆيۈنۈشنى ئۆگىنىش شەخسىيەتچىلىكنىڭ ئىپادىسى ئەمەس، بەلكى خىزمەت بىزنىڭ مۇشۇنداق قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۆزىمىزگە كۆيۈنگەنلىكئائىلىمىزدىكىلەرگە، خىزمەتكە ۋە تېببىي كۆزىتىلىۋاتقانلارغا بولغان ئەڭ كۈچلۈك مۇھەببەت.

بۇ ئۈچ خىل ئۇسۇل ياخشى كەيپىياتنى ساقلاشقا ياردەم قىلىدۇ

ما شياۋجيې: خىزمەت سىجىللىقى بىر قەدەر يۇقىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە باش كۈزدە كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ، شۇڭا خىزمەتچى خادىملار ئالدى بىلەن ئامال بار يېمەك-ئىچمەككە، ئوزۇقلۇقنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا، يېمەكلىكنىڭ مىقدارىغا،تۈرلىرىنىڭ ئىمكانقەدەر مول بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىكېرەك، بەزى خىزمەتچى خادىملارئالدىراشچىلىقتا تەييار چۆپ يەيدۇ، بۇ ئىلمىيلىك ئەمەس، بىز بۇنى تەشەببۇس قىلمايمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۆپچىلىككە شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، سوغۇق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېمەسلىك، ئامال بار ئىسسىق يېمەكلىكلەرنى يېيىش، ئىچى سۈرۈپ قېلىشتىن ساقلىنىشكېرەك.

كوللېكتىپ ئىچىدە ئۆزئارا ھەمبەھرىلىنىش، ئۆزئارا قوللاش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش شەرتى ئاستىدا، ۋاقىت چىقىرىپ خىزمەتداشلىرى بىلەن مۇۋاپىق پىكىر ئالماشتۇرۇپ،ھېسسىياتى ۋە خىزمەت تەجرىبىلىرىنى ئورتاقلىشىپ، كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، بىر-بىرىگە قاراپكۈلۈمسىرەش، بىر قول ئىشارىتى، بىر ئېغىزئەھۋال سوراش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىللىق غەمخورلۇق ھەم مەدەت، ئۆزئارا ئىشىنىش ھەمقوللاشتۇر.

شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىش كېرەك. يۇقۇم سەۋەبىدىن، بىزنىڭ ھەرىكەت ئۇسۇلىمىز ۋە ھەرىكەت قىلىدىغان ئورنىمىززور چەكلىمىگە ئۇچرىدى، لېكىن بىز شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشنى ئۆگىنىپ، بار بولغان بوشلۇقتىن پايدىلىنىشنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز كېرەك. نۇرغۇن دوستلار يان تېلېفون ھەرىكەت يۇمشاق دېتالىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ، يەنە بىر قىسىم دوستلار ھەر كۈنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا سەككىز بۆلەكلىك گىمناستىكا ئوينايدۇ،ئارغامچا تاقلايدۇياكى گىمناستىكا ئوينايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى تەۋسىيە قىلىشقا بولىدىغان ئۇسۇللار، بىراق ۋاقىت بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىكى، ھەرىكەت مىقدارىمۇ بەك كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك، ھەر كۈنى 30-15 مىنۇتقىچە ھەرىكەت قىلىش كۇپايە، بۇنىڭ بەدەن ساپاسىنىيۇقىرى كۆتۈرۈش، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا پايدىسى بولۇپلا قالماي، يەنە تەشۋىشلىنىش كەيپىياتىنى ياخشىلاشتىمۇ بەلگىلىك رولى بولىدۇ.