ھەممە نەرسىنى توڭلاتقۇغا سالامسىز؟ تېخىمۇ تېز بۇزۇلۇپ قېلىشىدىن ئېھتىيات قىلىڭ!

日期:2020年08月21日
来源:天山网
【字体:

توڭلاتقۇ يېڭى پېتى ساقلايدۇ، ھەممەئائىلە ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايدۇ، يېمەكلىكنى توڭلاتقۇغا سالغاندا تېخىمۇ ئۇزۇن ساقلىغىلى بولىدۇ، بولۇپمۇ يازداسېتىۋالغان يېڭى كۆكتات، مېۋىلەرنى توڭلاتقۇغا سېلىپ، ئىككى-ئۈچ كۈن يېيىشكە بولىدۇ.

ھايۋانات گۆشى تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ ئاقسىل مىقدارى يۇقىرى، ئاسان چىرىپ، سۈپىتى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، شۇڭلاشقا تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا ساقلاشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك، مەسىلەن، گۆشنى ئۇششاق پارچىلاپ خالتىغا سېلىپ، توڭلاتقۇنىڭ توڭلىتىش بۆلۈمچىسىگە سېلىپ ساقلىسا بولىدۇ.

يېڭى كۆكتاتلارنى ساقلاش مۇۋاپىق بولمىسا ئاسانلا نىترىتلار ھاسىل بولىدۇ، ئامالنىڭ بارىچەشۇ كۈنى سېتىۋېلىپ شۇ كۈنى يېيىش، توڭلاتقۇغا سالماسلىق كېرەك، توڭلاتقۇغا سېلىشقا توغرا كەلسە، سوغۇق ساقلاشقا بولىدۇ، ساقلاش ۋاقتى ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچ كۈندىن ئېشىپ كەتمىگىنى ياخشى. قورۇلغان يوپۇرماق تۈرىدىكى كۆكتاتلارنى ۋاقتىدا يېيىش، توڭلاتقۇغا سالماسلىق كېرەك.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئوخشاش بولمىغان يېمەكلىكلەرنىتوڭلاتقۇدا ساقلاش ۋاقتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئاساسلىق يېمەكلىك تۈرىدىكىلەرنى ئادەتتە تۆت كۈن ساقلىغىلى بولىدۇ، مەسىلەن، موما، چۆپ قاتارلىقلار؛ مېۋىنى ئادەتتە بىر ھەپتەساقلاشقا بولىدۇ؛ بېلىق تۈرىدىكىلەرنى بىر-ئىككى كۈن سوغۇق ساقلىغىلى بولىدۇ، گۆش تۈرىدىكىلەرنى يېرىم يىل ساقلىغىلى بولىدۇ؛ تۇخۇمنى سوغۇق ساقلاش بۆلۈمچىسىدە بىر-ئىككى ئاي ساقلاشقا بولىدۇ؛ سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئادەتتە بىر ھەپتە ساقلىغىلى بولىدۇ.

بۇ يېمەكلىكلەرتوڭلاتقۇدا سوغۇق ساقلاشقا ماس كەلمەيدۇ

توڭلاتقۇ گەرچە ياخشى بولسىمۇ، لېكىن ھەممە يېمەكلىكنى سوغۇق ساقلاشقاماس كەلمەيدۇ:

ئىسسىق بەلباغ، سۇبتروپىك بەلباغ مېۋىلىرىنىڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىدىن قورقۇشى ئۇلارنىڭ ئۆسۈش رايونى ۋە كىلىماتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.مەسىلەن، شياڭجياۋ، لىجى، خولوڭگو، مانگو قاتارلىقلارنى سوغۇق ساقلىغاندا ئاسان بۇزۇلۇپ قالىدۇ.

خاڭگاتوڭلاتقۇدا ئۈچ كۈندىن ئارتۇق قويۇپ قويۇلسا، سۇغا چىلىنىپ قالغاندەك بولۇپ، ئەسلى تەمىنى يوقىتىدۇ.

قىسمەن ئۇن تاماقلىرى، مەسىلەن، موما، بولكا قاتارلىقلارنى توڭلاتقۇدا ئۇزاق ۋاقىت قويۇپ قويسا، بارا-بارا قېتىپ كېتىدۇ ياكى تەمىگە تەسىر يېتىدۇ.