يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار جىگەرنى ماي قاپلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

日期:2019年01月16日
来源:天山网
【字体:

شىۋېتسىيە كارولىن تېببىي شۆيۈەنى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا دېيىلىشىچە، شېڭسەي (生菜)، پالەك قاتارلىق تەركىبىدە نىترات كىسلاتا تۇزى بولغان يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنى كۆپ يەپ بەرگەندە، جىگەرنى ماي قاپلاش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.

تەتقىقاتچىلار ياغ، قەنت تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىك بىلەن بېقىلغان تەجرىبە چاشقىنىغا نىترات كىسلاتا تۇزى تولۇقلىغاندىن كېيىن، تەجرىبە چاشقىنى جىگىرىدىكى ماي نىسبىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەنلىكىنى بايقىغان. ئىنسانلارنىڭ جىگەر ھۈجەيرىسى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىدىمۇ نىترات كىسلاتا تۇزىنىڭ بۇ خىل ئۈنۈمى ئىسپاتلانغان. تەتقىقاتتا يەنە كۆرسىتىلىشىچە، نىترات كىسلاتا تۇزى تولۇقلانغان تەجرىبە چاشقىنىنىڭ جىگەرنى ماي قاپلاش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى تۆۋەنلەپلا قالماي، قان بېسىمىمۇ تۆۋەنلىگەن، Ⅱ تىپلىق دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان تەجرىبە چاشقىنىنىڭ قان شېكىرى سەۋىيەسىدىمۇ ياخشىلىنىش بولغان.

ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، كۆپ قىسىم كۆكتات تەركىبىدىكى تەبىئىي نىترات كىسلاتا تۇزى ھۈجەيرىلەردىكى يىپسىمان تەنچىنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن، يەنە كېلىپ مېۋە-كۆكتاتلارنى كۆپ يەپ بەرگەندە، يۈرەك قان تومۇرى ئىقتىدارى ۋە دىيابېت كېسىلى ياخشىلىنىدىكەن. تەتقىقاتچىلار كىشىلەرگە يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنى كۆپ يەپ بېرىش تەكلىپىنى بەردى، كۈنىگە 200 گىرام ئەتراپىدا يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتات يېگەندە بەلگىلىك دەرىجىدە ساقلىقنى ساقلاش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدىكەن.

«جۇڭگو ئاياللىرى ژۇرنىلى» دىن تەرجىمە قىلىندى