يىنىك غىزالىنىش پەقەت «كۆكتات يېيىش»لا ئەمەس (2)

日期:2020年08月14日
来源:天山网
【字体:

بەش خىل ئەپچىل چارە ئارقىلىق، ئازادەيېنىك غىزالىنىش ئەندىزىسى:

مۇددەتتىن بۇرۇن تەييارلىق قىلىش. يېڭى بىر ھەپتە باشلانغاندا سالاتنى پاكىز يۇيۇپ، كەچلىك تاماققا ماسلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ، مېۋە-چېۋىلەرنى ئالدىن يۇيۇپ ھەم پارچىلاپ قويۇش، سەۋزە، خاڭگا، چىڭسەي ۋە باشقا كۆكتاتلارنىڭ پوستىنى ئاخلاپ، توغراپ، ئاندىن ھىم ئېتىلگەن قاچىغا سېلىپ توڭلاتقۇغا قويۇش، بۇنى خالىغان ۋاقىتتا ئېلىپ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

ھەر ۋاقلىق تاماققا بىر كىشىلىك مېۋە-كۆكتات قوشۇش. ناشتىلىققا بىر تال بانان، چۈشلۈك تاماقتا قېتىققا ئازراق شىرنىلىك مېۋە ياكى كەچلىك تاماق ۋاقتىدا بىر كىشىلىك كۆكتات قوشسا بولىدۇ. ئالدى بىلەن مەلۇم بىر ۋاق تاماقتا مېۋە-كۆكتاتلارنى قوشۇپ، ئاندىن بىر كۈندە ئۈچ ۋاق تاماققا مېۋە-كۆكتاتلارنى قوشۇپ، ھەر كۈنى بەش خىل مېۋە-كۆكتات يېيىش ئۆلچىمىگە يەتكۈزسە بولىدۇ.

تاتلىق تۈرۈم يېمەستىنبەلكى مېۋە يىيىش. مېۋە تاللاپ، تاتلىق تۈرۈملەرنى تاللىمىغاندا، بەلكى ئوزۇقلۇق تولۇقلاپلا قالماستىن، يەنە ئىسسىقلىق مىقدارى ۋە قەنت مىقدارىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى چەكلىگىلى بولىدۇ. شىرنىلىك مېۋە، بانان ۋە ماڭگونى ئىستېمال قىلغاندا، بەدەننىڭ قەنت مىقدارىغا بولغان ئېھتىياجىنى ناھايىتى ياخشى قاندۇرغىلى بولىدۇ.

يېڭى مېۋە-كۆكتات يېتەرلىك بولمىسا توڭلىتىلغان مېۋە-كۆكتاتنى ئورنىغا دەسسىتىشكە بولىدۇ. ئەگەر يېڭى مېۋە-كۆكتاتلارنى سېتىۋېلىشقا ۋاقىت يەتمىسە، ئورنىغا كونسېرۋالىق ياكى توڭلىتىلغان مېۋە-كۆكتاتلارنى ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. ئوخشاشلا، مېۋە-كۆكتاتلارنىڭ سېسىپ ئىسراپ بولۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، توڭلىتىپ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. شېكەرگە چىلانغانغان مېۋىنى يېيىشكە بولمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ قەنت مىقدارى بەك يۇقىرى. بۇنىڭدىن سىرت،مېۋە شەربىتىنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى كونترول قىلىش كېرەك، يېڭى مېۋە بىلەن سېلىشتۇرغاندا شەربەتنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ.

يېڭى سورتنى قوبۇل قىلىش.ئەگەر ھەر كۈنى بەش خىل مېۋە-كۆكتات يېيىش بەك قىيىن بولسا، ئۇنداقتا ھەر خىل ئوخشاش بولمىغان يېمەكلىكلەرنى تېتىپ بېقىش كېرەك. مەسىلەن: ئىلگىرى يەپ باقمىغان يېمەكلىكلەرنى تېتىپ كۆرۈپ، تاماق ئېتىش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېڭى تېتىتقۇ ۋە يېمەكلىك ماتېرىيالىنى كۆكتاتقا قوشۇپ، يېڭى قورۇما قورۇش ۋە تەمىنى تەڭشەش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە بولىدۇ.