مۇۋاپىق چېنىقىش قان بېسىم تۆۋەنلىتىش دورىسىدىنمۇ ئۈنۈملۈك

日期:2020年08月14日
来源:天山网
【字体:

بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ئامبولاتورىيەدىن چىققۇچە يۇقىرى قان بېسىم دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىر ئاغرىق مەندىن: «يۇقىرى قان بېسىمغا گىرىپتار بولغانلار چېنىقسا بولامدۇ؟ چېنىققاندا يۇقىرى قان بېسىم ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ كېتەمدۇ؟» دەپ سورىغانىدى.

ئامبولاتورىيەدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش گۇمانىي قاراشتىكىلەر ناھايىتى كۆپ، ئەمما جاۋابى شۇكى: يۇقىرى قان بېسىم ئاغرىقلىرى چېنىقسا بولىدۇ. قارىماققا، چېنىقىش قان بېسىمنى قىسقا ۋاقىتلىق ئۆرلىتىۋېتىشى مۇمكىن، ئەمما، نۇرغۇن تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، قانۇنىيەتلىك چېنىقىش ھەتتا قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش دورىسىدىنمۇ ئۈنۈملۈك ئىكەن: ئوكسىگىنلىق ھەرىكەت قان بېسىمنى 7~5 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكى تۆۋەنلىتىدىكەن، قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى 3~2 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكى تۆۋەنلىتىدىكەن؛ چېنىقىش يەنە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكىنىڭ خەتىرىنى %30~%20 تۆۋەنلىتىدىكەن.

يۇقىرى قان بېسىم ئاغرىقلىرىغاچېنىقىش تۈرى جەھەتتە چەكلىمە يوق، سىز قايسى ھەرىكەتنى ياخشى كۆرۈڭ، بىخەتەر بولسىلا قىلسىڭىز بولىدۇ، مەسىلەن، تېز مېڭىش، ئاستا يۈگۈرۈش، ۋېلسىپىت مىنىش، مەيدان ئۇسسۇلى ئويناش، ساغلاملىق گىمناستىكىسى قاتارلىق ئوكسىگېنلىق ھەرىكەتلەرنى قىلسىڭىز بولىدۇ، ھەر ھەپتىدە يەنە مۇۋاپىق مىقداردا كۈچ مەشىقى قوشۇپ قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ، مەسىلەن: يەر بېغىرلاش، يەر تىرەش قاتارلىقلار. ھەرىكەت چاستوتىڭىزنى ساغلام كىشىلەرگە ئوخشاش قىلىپ، ھەر ھەپتىدە ئاز دېگەندە 5~3 قېتىمدىن، ھەر قېتىمدا 30 مىنۇتتىن ئارتۇق ئوتتۇراھال سىجىللىقتىكى ئوكسېگىنلىق ھەرىكەتلەرنى ئىشلەڭ، ئەڭ ياخشىسى ھەر كۈنى ھەرىكەت قىلىڭ. بۇ يەردىكى ئوتتۇراھال سىجىللىق يۈرەك سوقۇشنى سەل تېزلىتىدۇ، ئازراق تەر چىقىپ، ھارغىنلىق ھېس قىلدۇرىدۇ، ھەرىكەت جەريانىدا نەپەس ئېلىش تېزلىشىپ ئادەم سەل ھالسىرايدۇ، پاراڭلىشالايدۇ، ئەمما ناخشا ئېيتالمايدۇ، قەدەم سۈرئىتى جەھەتتە مىنۇتىغا 120 قەدەم ماڭالايدۇ؛ يۈرەك رېتىمى جەھەتتە، تەخمىنەن (ياش ـ 170) غا يېتىدۇ. ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن، 10 مىنۇت ئەتراپىدا دەم ئالسا نەپەسلىنىش ۋە يۈرەك رېتىمى نورمال ياكى نورمال سەۋىيەگە يېقىنلاشسا مۇۋاپىق بولغان بولىدۇ؛ ئەگەر ئەسلىگە كېلەلمىسە، ھەرىكەت سىجىللىقىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

يۇقىرى قان بېسىم ئاغرىقلىرىچېنىققاندا، تۆت نۇقتىغا دىققەت قىلىشى كېرەك. 1.قان بېسىمى بەك يۇقىرى بولسا، چېنىقماسلىق: تىنچ تۇرغاندا قان بېسىمى 110/180 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكىدىن ئېشىپ كەتسە، ئوتتۇراھال ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى سىجىللىقتىكى ھەرىكەتلەرنى قىلماسلىق كېرەك؛ 2. چېنىقىش ۋاقتىنى بېكىتىش: يۇقىرى قان بېسىم ئاغرىقلىرىنىڭ سەھەردىكى قان بېسىمى يۇقىرى بولىدۇ، ئەڭ ياخشىسى چۈشتىن كېيىن ياكى كەچقۇرۇن چېنىقىشى كېرەك؛ 3. بەدەن قىزىتىش ۋە بوشىتىشقا دىققەت قىلىش: رەسمىي ھەرىكەت قىلىشتىن بۇرۇن، 5 ~ 10 مىنۇت بەدەن قىزىتىش ھەرىكىتى ئىشلەپ، يارىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. چېنىقىشتىن دەرھال توختاپ قالماسلىق كېرەك، ھەرىكەتنى ئاستىلىتىش ياكى ئۆزىنى بوشىتىدىغانھەرىكەتلەرنى ئىشلەش كېرەك؛ 4. بەدەن ئالامەتلىرىگە دىققەت قىلىش: چېنىقىش جەريانىدا ئۆز سېزىمىگە دىققەت قىلىش، ئەگەر نەپەسلىنىشى، يۈرەك سوقۇشى زىيادە تېز ياكى رېتىمسىزلاشسا، سۈرئەتنى ئاستىلىتىش ياكى ئارام ئېلىش كېرەك، ئەگەر كۆكرەك ئاغرىسا، تۆۋەنكى جاغ ياكى بىلەك قاتارلىق ئورۇنلار ئاغرىسا، دەرھال توختاپ دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

بېيجىڭ داشۆ خەلق دوختۇرخانىسى يۈرەك ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى ليۇ جيەن