ئۇۋۇلاش ئارقىلىق راستتىنلا بالىلارنىڭ قىزىتىمىسىنى ياندۇرغىلى بولامدۇ؟ ئاتا-ئانىلار بۇ ئۈچ ئاددىي ساۋاتنى بىلىۋېلىشى كېرەك

日期:2020年08月10日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى: زۇكام، قىزىش، ئېغىز بوشلۇقى يارىسىنى ئاتا-ئانىلارنىڭ بېشىنى ئەڭ ئاغرىتىدىغان ئۈچ خىل «بوۋاقلار كېسەللىكى» دېيىشكە بولىدۇ، گەرچە كېسەللىك ئالامىتى ئۇنچە ئېغىر بولمىسىمۇ، ئەمما ھەممىىسى بالىلارنى ئۇزۇن مەزگىلگىچە بىئارام قىلىدۇ. بولۇپمۇ تومۇز كىرگەندىن كېيىن، ھاۋا تەڭشىگۈچ، سوغۇق ئىچىملىك، ئۆي ئىچى-سىرتىنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ بولۇش قاتارلىقلار ئاسانلا زۇكام، قىزىتما قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنداقتا قايسى كېسەللىكلەر بالىلارنىڭ قىزىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟ بالىلار قىزىپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۇۋۇلاش ئارقىلىق راستتىنلا بالىلارنىڭ قىزىتىمىسىنى ياندۇرغىلى بولامدۇ؟

قىزىش ئىنسانلار ئورگانىزمىنىڭ سىرتتىن كەلگەن باكتېرىيە ۋىرۇسى تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ئېممۇنىتېت رېئاكسىيەسىدۇر. قىزىش ئارقىلىق باكتېرىيە ۋىرۇسلىرىنى يوقىتىپ، بەدەننىڭ قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرۇپ، بەدىنىنى تېخىمۇ ساغلام قىلغىلى بولىدۇ. لېكىن بۇ خىل قىزىتمىنىڭ بەلگىلىك دەرىجىسى ۋە ۋاقىت چەكلىمىسى بولىدۇ، قىزىش قانچە ئېغىر، ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا سالامەتلىككە شۇنچە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ.

قايسى كېسەللىكلەر بالىنىڭ قىزىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟

بالىنىڭ ئاغرىپ قېلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب تاشقى ئامىللارنىڭ تاجاۋۇزى، ۋىرۇس، باكتېرىيە، مىكرو پىلازمىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى ھېس قىلىشتىن بولىدۇ. بالىلار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغىنى زۇكام بولۇپ، مەيلى ۋىرۇسلۇق ياكى باكتېرىيەلىك بولسۇن، ھەممىسى يۆتىلىش، قىزىش، ھەتتا ئۆپكە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەزى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر، مەسىلەن، سۇ چېچىكى، قىزىل، بالىلار ئۆتكۈر ئەسۋىسى، قول-پۇت ۋە ئېغىز كېسەللىكى، تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى جىددىي خاراكتېرلىك قىزىتما پەيدا قىلىدىغان كېسەللىكلەردۇر. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۈچەي يولى كېسەللىكلىرى مەسىلەن: ئۈچەي ياللۇغى، تولغاق، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يۇقۇملىنىشى مەسىلەن: مېڭە پەردە ياللۇغى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قىزىش ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، ياز پەسلىدە بالىلاردا دائىم كۆرۈلىدىغان قول-پۇت ۋە ئېغىز كېسەللىكلىرى، قاپارتمىلىق يۇتقۇنچاق -بوغۇز ياللۇغى بالىلارنىڭ داۋاملىق قىزىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئېغىز بوشلۇقى يارىسى پەيدا قىلىدۇ.

قول-پۇت ۋە ئېغىز كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغانلاردا ئاساسلىقى قىزىش، ئالىقان، تاپان، ساغرا، ئېغىز بوشلۇقىدا گۈرۈچنىڭ چوڭلۇقىدىن تارتىپ يېشىل پۇرچاقنىڭ چوڭلىقىغىچە قاپارتما چىقىش، كېيىنكى مەزگىلدە يارىنىڭ يېرىلىشى قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئېغىز بوشلۇقىدىمۇ بەزى يارىلار پەيدا بولىدۇ، يېمەكلىكلەرنى يۇتقاندا ئاسانلا ئاغرىق سېزىمى پەيدا بولۇپ، بالىلارنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ، تېخىمۇ قاتتىق قىزىپ كېتىدۇ. قول-پۇت ۋە ئېغىز كېسەللىكىنى ئاساسلىقى ئۈچەي يولى ۋىرۇسى، بولۇپمۇ كوكساكى ۋىرۇسى (Coxsackievirus) كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۆپ ساندىكى قول-پۇت ۋە ئېغىز كېسەللىكلىرىنى توغرا داۋالاش ۋە پەرۋىش قىلىش ئارقىلىق داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ، ئادەتتىكى ئەھۋالدا كېسەللىك جەريانى بىر ھەپتە ئەتراپىدا بولىدۇ. لېكىن بوۋاقلار ۋە بەدەن ساپاسى بىر قەدەر ناچار بالىلارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، كۆپ ھاللاردا مېڭە غولى مېڭە ياللۇغى، مېڭە پەردە ياللۇغى، يۈرەك زەئىپلىشىش قاتارلىق ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاسانلا ئادەم ھاياتىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ.

قاپارتمىلىق يۇتقۇنچاق ياللۇغى ئاساسلىقى يۇقىرى قىزىتمىنى ئاساس قىلىدۇ، قىزىغاندىن كېيىن يۇتقۇنچاق ياللۇغى پەيدا بولىدۇ، يۇمشاق تاڭلاي، تىل، قوۋۇز شىللىق پەردە قىسمىدا چوڭ قاپارتمىلار پەيدا بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا يېرىلىدۇ. بەزى بالىلاردا قىزىتمىسى يانماسلىق، يىغلاش، ئىچى تىتىلداش، تاماق يېمەسلىك قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، بوۋاقلاردا ئېغىر دەرىجىدە شۆلگەي ئېقىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. قاپارتمىلىق يۇتقۇنچاق ياللۇغى ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىقىدىغان بولۇپ، ئۆزىنى چەكلەش خاراكتېرلىك كېسەللىككە تەۋە، ئادەتتە كېيىنكى ھەپتىسىدە سەللىمازا ساقىيىپ كېتىدۇ. يۈرەك ۋە تالنىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەن، ئاشقازان، ئۈچەينىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەن بەزى بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ خىل يارا ئۇزاققىچە ساقايمايدىغان، ھەتتا يېرىم ئاي داۋاملىشىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ.

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، بۇ كېسەللىكلەرنىڭ ھەممىسى ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىشقا تەۋە، شۇڭا ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسىنى يېيىشكە ئالدىرىماسلىق كېرەك.

بالىلار قىزىپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟

ئانا ئالدى بىلەن بالىنىڭ ئېغىزىنى ئېچىپ تىلىغا، گېلىغا قاراپ، قىزىشنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلىشى كېرەك. ئەگەر بالىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى 38.5تىن يۇقىرى بولغان ھەمدە روھىي ھالىتى بىرقەدەر ياخشى بولغان ئەھۋالدا، بالىغا كۆپرەك سۇ ئىچكۈزۈپ، بەدەندىكى مېتابولىزمنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋىرۇسنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىش تەكلىپىنى بېرىمىز.

ئۇنىڭدىن قالسا، بالىدا تارتىشىپ قېلىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلۈشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار بالىلارنى ئىسسىق سۇدا يۇيۇندۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، بالىنىڭ بەدىنىدىكى ئىسسىقلىقنى تېزدىن تارقىتىۋەتسە بولىدۇ. بولۇپمۇ يۇقىرى قىزىتمىدا تارتىشىپ قېلىش كېسەللىك تارىخى بار بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى تېخىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەك.

بۇنىڭدىن سىرت، روھىي ھالىتى بىر قەدەر ياخشى، كېسەللىك جەريانى بىر قەدەر قىسقا بولغان بالىلارغا قارىتا، ئائىلە باشلىقلىرى يېشىل داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئۇۋۇلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق بالىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ تۆۋەنلىشىنى ئىلگىرى سۈرسە بولىدۇ.

زىيارەت قىلىنغان مۇتەخەسىس: بېيجىڭ جۇڭيى دورىلىرى داشۆسى شەرق دوختۇرخانىسى بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ سۇمېي