سىزدە «ھۆللۈك» ئېشىپ كەتكەنمۇ (1)

日期:2020年08月06日
来源:天山网
【字体:

ياز كۈنلىرى ھاۋا دىمىق، نەم بولۇپ، دىققەت قىلمىغاندا، بەدەندە زىيادە ھۆللۈك پەيدا بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر بەدەندىكى ھۆللۈك ۋاقتىدا يوقىتىلمىسا، ئادەم بەدىنىدە بىر قاتار بىئاراملىق ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، مەسىلەن: ئاسان چارچاش، ئىشخوشياقماسلىق، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، ئېغىزى يېپىشقاق بولۇش، ھەتتا چوڭ تەرەت نورمال بولماسلىق قاتارلىقلار. ئۇنداقتا، بەدەندە ھۆللۈكنىڭ بار-يوقلۇقىنى قانداق بىلگىلى بولىدۇ؟

بەش چوڭ سىگنال بەدەندە ھۆللۈك بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ:

1. تىلى قېلىن گەز باغلاش: ئەگەر تىل قېلىن گەز باغلىغان ياكى تىل سېمىز، تىل گىرۋىكىدە چىش ئىزى بولسا،بەدەندە ھۆللۈك بارلىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ، مانا بۇ جۇڭيى تېبابىتىدىكى تىل دىياگنوزىدۇر.

2. بەدەن ئېغىرلاپ كېتىش، ھەرىكەت قىلىشقا ئېرىنىش: بەدەن بەك چارچاپ كەتسە، ئادەم ھەرىكەت قىلىشقا ئېرىنىدۇ، ئويغانغاندىن كېيىنمۇ يەنىلا ھاردۇقى چىقمايدۇ، بېشى قىيىپ، ئاسانلا ئۇيقۇ باسىدۇ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىمۇ چىكىنىدۇ. بۇمۇ سىزنىڭ بەدىنىڭىزدە ھۆللۈكبارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، جۇڭيى تېبابىتىدە «بەدىنىدە ھۆللۈك ئېشىپ كەتكەن ئادەم چارچاپ، ئىش قىلىش خوشياقماس بولۇپ قالىدۇ» دەپ قارىلىدۇ.

3. ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش: ھۆللۈك تالنىڭ ئاساسلىقئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، مەيدىسى چىڭقىلىش، قورسىقى كۆپۈش، ئىشتىھاسى ناچارلىشىش، ئېغىزى يېپىشقاق بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەرنىپەيدا قىلىدۇ. «ھۆللۈك يىغىلىپ بەلغەم ھاسىل قىلىدۇ»، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يۇتقۇنچاق قىسمىدا بەلغەم پەيدا بولۇش، يۇتقۇنچاق قىسمى بىئارام بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

4. يۈزى ئاسان مايلىشىش: ھۆللۈكى ئېشىپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ يۈزى پاكىز ئەمەستەك سېزىم پەيدا بولىدۇ، چىرايى ساغىرىپ، قارىداپ، مايلىشىپ كېتىدۇ، بەزىدە چېچى مايلىشىپ كېتىدۇ ياكى قۇلاقنىڭ كەينى دائىم ھۆل بولۇپ، چىمچىلاق بارماق بىلەن سىلىساماي باردەك ھېس قىلىدۇ.