ساغلام سۇ ئىچىش ساۋاتلىرى

日期:2020年08月04日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى:سۇنى ئاز-ئازدىنكۆپ قېتىمئىچىش. سۇ ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى، ئادەم بەدىنىدىكى ھەربىر ھۈجەيرە سۇ ئارقىلىق ساقلىنىدۇ. «جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ غىزالىنىش كۆرسەتمىسى»دە قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ كۈنىگە 1700 ~ 1500 مىللىلىتىر سۇ ئىچىشى تەۋسىيە قىلىنغان، سۇ ئىچمەسلىك ياكى سۇنى بەك ئاز ئىچىشئاسانلا قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يۈرەك تىقىلمىسىنى پەيدا قىلىدىكەن. يۈرەك ئىقتىدارى مۇكەممەل بولمىغان ئاغرىقلار سۇنى جىددىي، تېز ئىچسە، ئاسانلا يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋىتىدىكەن. شۇڭا، كۆپچىلىك تۇرمۇشتا ئاز مىقدارداكۆپ قېتىم سۇ ئىچىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى، سۇ تەركىبىنىڭ نورمال قوبۇل قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى، ئۇسساپ كەتكەندىن كېيىن ئاندىن ئىچمەسلىكى كېرەك. يۈرەك كېسىلى بىمارلىرى دوختۇر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مۇۋاپىق بولغان سۇ ئىچىش مىقدارىنى بېكىتىشى، تۇرمۇشتا تۇز، سۇغا چەك قويۇشى كېرەك، بۇنداق قىلغاندا يۈرەك سانجىقى، يۈرەك تىقىلمىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

سۇنى ئاز-ئازدىن ئاستا-ئاستائىچىش. يۇيۇنۇپ ياكى ھەرىكەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن، سۇسىزلىنىش سۈرئىتى تېز بولىدۇ، شۇڭا سۇنى ئاز-ئازدىن ئاستا سۈرئەتتە تولۇقلاشقا توغرا كېلىدۇ. كۆپ مىقداردا تەر چىقىرىلغاندىن كېيىن، بەدەن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بىر قىسىم تۇز تەركىبىنى يوقىتىدۇ، سۇس تۇز سۈيى ياكى ھەرىكەت تىپىدىكى ئىچىملىكلەرنى مۇۋاپىق ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.

تاماقتىن يېرىم سائەت بۇرۇن بىر ئىستاكان سۇ ئىچىش. تاماقتىن يېرىم سائەت بۇرۇن مۇۋاپىق مىقداردا سۇ ئىچىپ بەرگەندە، تاماق مىقدارىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىپ، ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.