ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەلھىمىنى زىيادە كۆپ سۈرۈۋالماڭ، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشى مۇمكىن

日期:2020年06月22日
来源:天山网
【字体:

ھاۋا بارغانسېرى ئىسسىۋاتىدۇ، سىرتقا چىقىشتىن بۇرۇن ئاپتاپتىن ساقلىنىش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىش كېرەك. لېكىن، يېقىندا نەنجىڭدىكى ۋاڭ خانىم سىرتقا چىقىشتىن بۇرۇن، ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەلھىمىنى زىيادە كۆپ سۈرۈۋالغاچقا،قۇسۇش، قىزىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ، يولدا ئايلىنىپ قالغىلى تاس قالدى، ئويلىمىغان يەردىن دوختۇر ئىسسىق ئۆتۈپ قالغان دەپ دىياگنوز قويدى.

ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەلھىمى تەركىبىدىكى ئورگانىك ۋە ئانئورگانىك تەركىبلەر ئارقىلىق ئاپتاپتىن ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ. ئانئورگانىك ئاپتاپتىن ساقلىنىش تەركىبى سىنك ئوكسىد، تىتان دىئوكسىد قاتارلىق ئانئورگانىك ماددىلار بولۇپ، ئاساسلىقى ئۇلترا بىنەپشە نۇر رادىياتسىيەسىنى قايتۇرۇش ۋە چېچىلدۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ؛ ئورگانىك ئاپتاپتىن ساقلىنىش تەركىبى ئۇلترا بىنەپشە نۇرنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق ئاپتاپتىن ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ. بۇ ئاپتاپتىن ساقلىغۇچى ماددىلار ئاساسلىقى ئۇلترا بىنەپشە نۇردىكى ئوتتۇرا دولقۇن ۋە ئۇزۇن دولقۇنغا قارىتىلغان بولۇپ، بۇ ئىككى خىلدولقۇن ئۇزۇنلۇقىدىكى ئۇلترا بىنەپشە نۇر تېرىنى تېخىمۇ ئاسان تېشىپ ئۆتۈپ، ئادەم تېنىگە زىيان يەتكۈزىدۇ.

ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش ئاساسلىقى ئادەم بەدىنىدىكى ئىسسىقلىقنىڭ ۋاقتىدا چىقىرىۋېتىلمەي، بەدەن تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولۇپ كېتىپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش مەركىزىنىڭ قالايمىقانلىشىپ كېتىشىدىن بولىدۇ. ئەگەر بەدىنىمىزگەچوڭ دائىرىدە ھەم ئۇزۇن ۋاقىت بىر قەۋەت ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەلھىمى سۈرۈۋالساق، بەدەندىكى ئىسسىقلىق مىقدارى بارغانسېرى ئېشىپ كېتىدۇ. يازدا ئاپتاپتىن ساقلىنىش ناھايىتى مۇھىم بولسىمۇ، لېكىن مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك، ئەتىگەندە SPF كۆرسەتكۈچى 15~10 بولغان ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەلھىمى سۈرۈش، سىرتقا چىقىشتىن يېرىم سائەت بۇرۇن يەنە يۇقىرى ھەسسىلىك كۆرسەتكۈچتىكىنى سۈرۈش، ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن دەرھال تېرىگە سۈرۈلگەن ئاپتاپتىن ساقلىنىش مېيىنى يۇيۇپ، تېرىگە كۆپرەك ھاۋا ئۆتكۈزۈش كېرەك. يەنە شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، ئاپتاپتىن ساقلىنىش ئىقتىدارىنى پەرقلەندۈرۈشتە پەقەت ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەلھىمى ئۈستىدىكى SPF كۆرسەتكۈچىگىلا قارىماسلىق كېرەك، SPF گەرچە ئاپتاپتىن ساقلىنىشنىڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچى بولسىمۇ، ئەمما SPFنىڭ قىممىتى قانچە يۇقىرى بولسا، ئاپتاپتىن ساقلىنىش ئىقتىدارى شۇنچە كۈچلۈك بولۇشى ناتايىن، سۈرۈش مۇۋاپىق بولمىسا، ئەكسىچە ئۈنۈمكۆرۈلىدۇ.