يېمەك-ئىچمەكتە «بەش قائىدە»نى ئەستە ساقلاش ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق

日期:2020年04月29日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:

كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇشتا، تۆۋەندىكى يېمەك-ئىچمەكئاساسىي تەلىپىنى ئەستە تۇتۇش كېرەك:

1. تەمى بەك كۈچلۈك تاماقتىن يىراق تۇرۇش كېرەك. يېمەكلىكنىڭ تەمى سۇسبولسا، ئازراق پۇراقلىق ماتېرىيال، پىياز، زەنجىۋىل تالقىنى، قاتتىق مېۋە تالقىنى، كۈنجۈت قىيامى، خاسىڭ قىيامى قاتارلىقلارنى قوشۇپ تەمىنى كۈچەيتىشكە بولىدۇ، لېكىن تۇز ۋە باشقا تۇزلۇق تەم تەڭشىگۈچلەرنى بەك كۆپ ئىشلەتمەسلىككېرەك.

2. تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېمەسلىك، تاتلىق ئىچىملىك ئىچىشنى تاشلاش كېرەك. تاتلىق يىمەكلىكنى ئاندا-ساندا بىرەر قېتىم يېسەك بولىدۇ، لېكىن تاتلىق يىمەك-ئىچمەككە بېرىلىپ كېتىشكە بولمايدۇ. ھەر كۈنلۈك تاتلىق يېمەكلىكلەر پەقەت بىر خىللا بولسا بولىدۇ، مەسىلەن، بىر ئىستاكان قېتىق، ئازراق ئاق مور ئۇيۇتمىسى، ماروژنى قاتارلىقلار.

3. كۆپ مىقداردىكى مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلارنى تاماق ئورنىدا يېمەسلىك كېرەك. ئەگەر تاماق بەك مايلىقبولسا، ئاندا-ساندا مۇشۇنداق يېسە بولىدۇ، لېكىن ئۇزاق مۇددەت مۇشۇنداق يېگەندە بەدەندە ئاقسىل يېتىشمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. كۆپ مىقداردىكىبېلىق، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى تاماق ئورنىدا يېمەسلىككېرەك. تاماقخانىغا كىرگەندە نۇرغۇن كىشىلەر مۇشۇنداق قىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىش ئاشقازان، ئۈچەي، جىگەر، بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىپلا قالماي، ئىممۇنىتېت كۈچىگە پايدىسىز.

5. تاماقنى ۋاقتىدا يېيىش. ھەربىر ۋاخ تاماققا سەل قارىماسلىك ياكى تاماق يېيىش ۋاقتىنى بەك كېچىكتۈرۈۋەتمەسلىك كېرەك.