ليەنئوۋنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ۋە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

日期:2020年04月22日
来源:天山网
【字体:

ليەنئوۋنىڭ ئاساسلىق ئۈچ چوڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىبار:

1. ليەنئوۋنىڭ كاربون سۇ بىرىكمە مىقدارى يۇقىرى. بولۇپمۇ كىراخمال تەركىبى ئادەتتە %10~%20 ئارىلىقىدا بولىدۇ. ليەنئوۋنىڭ تەمى، بولۇپمۇ پىشقاندىن كېيىنكى يېپىشقاق تەمى كراخمال مىقدارىنىڭ يۇقىرى بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

2 . ۋىتامىن C(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ VC دېيىلدى) تەركىبى مول. 100 گىرام ليەنئوۋنىڭ تەركىبىدەتەخمىنەن 44 مىللىگرام ئەتراپىدا VC بار، ئۇئاق رەڭلىك كۆكتاتلار ئىچىدە بىر قەدەر مول. كۆكتات تۈرى بىر قەدەر ئاز بولغان سوغۇق قىش پەسلىدە، ليەنئوۋ يېيىش كىشىلەرنىڭ مول VC تولۇقلىشىغاياردەم بېرىدۇ، بۇ كۈز ۋە قىش پەسلىدىكى ياخشى يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ.

3. ليەنئوۋنىڭ يەنە كالتىسىي مىقدارى بىر قەدەر مول . 100 گىرام ليەنئوۋدىكى كالتىسىي مىقدارى تەخمىنەن 40 مىللىگىرامئەتراپىدا بولۇپ، گەرچە كالا سۈتىگە يەتمىسىمۇ، ئەمما كۆكتاتلار ئىچىدە كالتىسىي مىقدارى خېلى مول ھېسابلىنىدۇ.

ليەنئوۋنى قانداق تاللاش كېرەك

ئېيتىلىشىچە، ليەنئوۋ تاللاشتا ئۈستىدىكى تۆشۈكىگە قاراپ تاللايدىغان بىر خىل ئۇسۇلبار ئىكەن: يەتتە تۆشۈكلۈك ليەنئوۋ يېپىشقاق، توققۇز تۆشۈكلۈك ليەنئوۋ چۈرۈك بولۇپ، شۇڭا ئالدىنقىسىشورپا قاينىتىشقا، كېيىنكىسىسوغۇق سەي قىلىشقا ماس كېلىدىكەن.

ئەمەلىيەتتە، بۇنداق دېيىشنىڭ ئاساسى يوق. ليەنئوۋنىڭ تەم سۈپىتى ۋە تاماققا ئىشلىتىش ئالاھىدىلىكىئاساسلىقى ئۇنىڭ سورتى، ئىشلەپچىقىرىلغان جاينىڭ مۇھىتى، ئىشلەپچىقىرىش جەريانى، پىشىش دەرىجىسى ۋە ساپلىق دەرىجىسى قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، شۇڭا تۆشۈك سانى بىلەن مۇناسىۋەتسىز.

ليەنئوۋنى قويۇپ قويسا قارىداپ كېتىشى ئوكسىدلىنىشتىن بولىدۇ.

ليەنئوۋنى ئۆيگە ئەكىلىپ، پاكىز يۇيۇپ، توغرىغاندىن كېيىنكى ليەنئوۋ ئاپئاق، پاكىز بولىدۇ، ئەمما بىردەمدىن كېيىنلا قارىداپ كېتىدۇ؛ بولۇپمۇ تۆمۈر قازاندا قورۇغاندا، تېخىمۇ قارىداپ كېتىدۇ.

بۇنداق ليەنئوۋدا مەسىلە بارمۇ-يوق، يەنە يېگىلى بولامدۇ ؟ ليەنئوۋ لاي-لاتقىدىمۇ رەڭگى ئۆزگەرمەيدۇ دېيىلىدۇ، لېكىن نېمە ئۈچۈن ھاۋادا شۇنچە ئاسان قارىداپ كېتىدۇ؟

ئەمەلىيەتتە، بۇنىڭدىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز، ليەنئوۋنىڭ قارىداپ كېتىشى ئۇنىڭ تەركىبىدىكى پولىفېنول تۈرىدىكى خىمىيەلىك ماددا بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

بۇ ئىككى خىل كىشىليەنئوۋ يېگەندە دىققەت قىلىشى كېرەك

1. ئورۇقلىماقچى بولغانلار

بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىشنى ئويلاۋاتقانلار، ئورۇقلىماقچى بولغانلارليەنئوۋ يېگەندە يېمەكلىكلەرنىڭ ئالمىشىشىغا دىققەت قىلىشى كېرەك، مەسىلەن، ليەنئوۋ يېگەندە باشقا ئاساسلىقيېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش، موما بىلەن گۈرۈچ تامىقىنى ئاز يېيىش كېرەك، بولمىسا ئاسانلا سەمرىپ كېتىدۇ.

2. «ئۈچ يۇقىرى» كىشىلەر توپى

قان شېكىرى يۇقىرى، دىئابېت كېسىلى بارلار ليەنئوۋ يېگەندەموما، گۈرۈچ تامىقى قاتارلىق ئاساسلىقيېمەكلىكلەرنىڭ مىقدارىنى ئازايتىش كېرەك، كىراخمالنىڭ كۆپ قوبۇل قىلىنىشىدىن ساقلىنىش كېرەك، بولمىسا قان شېكىرىنى كونترول قىلىشقا تەسىر يېتىدۇ.

ئەلۋەتتە، ليەنئوۋ يېگەندە مايدا پىشۇرۇش ئۇسۇلىنى ئاز قوللىنىش كېرەك، ماي كۆپ بولۇپ كەتسە سالامەتلىككە زىيانلىق.