بوۋاق زىيادە ئوزۇقلاندۇرۇلسا قېرىشنى تېزلىتىۋېتىدۇ

日期:2020年04月21日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:

بالىنىڭ قورسىقى توق، كىيىمى پۈتۈن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى، لېكىن ئامېرىكا «مۇھىت ئىپادىسى ئىرسىيەتشۇناسلىقى» ژۇرنىلىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدا دېيىلىشىچە، بوۋاق مەزگىلىدە زىيادە ئوزۇقلاندۇرۇلسا،بەدەننىڭ قېرىش سۈرئىتىنى تېزلىتىۋېتىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئامېرىكا بېل تېببىي شۆيۈەنىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور روبېرت ۋوتلاند ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئەمدىلا تۇغۇلغان چاشقاننى ئىختىيارىي ھالدا ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈپ، ئۇلارنىڭيېمەك-ئىچمىكىگە چەك قويۇش(نورمال تاماق يېيىش) ياكى «تاللا تاماق»تەكچەك قويماسلىق ئۇسۇلىنىقوللانغان. كىچىك چاشقاننىڭ سۈتتىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى ئۆلچەنگەنئېغىرلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، زىيادە ئوزۇقلاندۇرۇلغان گۇرۇپپىدىكى چاشقاننىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەمدىن كۆرۈنەرلىك ئېشىپ كەتكەن، يېمەك-ئىچمىكىگە چەك قويۇلغان گۇرۇپپىدىكى چاشقاننىڭ بەدەن ئېغىرلىقى نورمال بولغان. كىچىك چاشقان 21 كۈنلۈك(ئىنسانلارنىڭ بوۋاقۋە ئۆسمۈرمەزگىلىگە باراۋەر) ۋە ئالتە ئايلىق(ئىنسانلارنىڭ ئوتتۇرا ياش مەزگىلىگە باراۋەر) بولغاندا، تەتقىقاتچىلارئاشقازان ئاستى بېزى ئارالچىسى ھۈجەيرە گېن گۇرۇپپىسىنى DNA مېتىللاشتۇرۇش ئانالىزى قىلغان. نەتىجىدە، زىيادە ئوزۇقلاندۇرۇلغان گۇرۇپپىدىكى كىچىك چاشقاندا سۈتتىن ئايرىغاندىن كېيىنكى ئاشقازان ئاستى بېزى ئارالچىسى ھۈجەيرىسىنىڭ DNA مېتىللاشتۇرۇش يۈزلىنىشى كۆرۈلگەنلىكى، يېمەك-ئىچمىكىگە چەك قويۇلغانكىچىك چاشقاندا ئالتە ئايلىق بولغاندا ئاندىن بۇ خىل يۈزلىنىش كۆرۈلگەنلىكىنى بايقىغان. ئاشقازان ئاستى بېزى ئارالچىسى ھۈجەيرىسىنىڭ DNA مېتىللاشتۇرۇشى 2 تىپلىق دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرىنىڭ چوڭىيىشىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، زىيادە ئوزۇقلاندۇرۇش كىچىك چاشقاننىڭ ئوزۇقلۇقىنى ئاشۇرۇۋېتىپ، ئاشقازان ئاستى بېزى ئارالچىسى ھۈجەيرىلىرىدە ئىرسىيەت ئۆزگىرىشىنى بالدۇر پەيدا قىلغان، شۇنىڭ بىلەن تىپىك قېرىماي تۇرۇپلا ئاجىزلىشىش كۆرۈلگەن. ئورگانىزمنىڭ قان شېكىرىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تۆۋەنلىگەنلىكتىن، بوۋاق مەزگىلىدە زىيادە ئوزۇقلاندۇرۇش 2 تىپلىق دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش، بالدۇر قېرىش ھەمدەياش بىلەن مۇناسىۋەتلىكباشقا كۆپ خىل كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇشخەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن. دوكتۇر ۋوتلاند مۇنداق دېدى: بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇقى ئېشىپ كېتىش ۋە بەدەن ئېغىرلىقى مەسىلىسى كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بوۋاق مەزگىلىدىكى يېمەك-ئىچمەكنى سەرخىللاشتۇرۇش بالىلاركېسەللىكلىرىنى كونترول قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.