يوپۇرمىقى قېنىق يېشىل رەڭدە بولغان پالەكنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ

日期:2020年04月16日
来源:天山网
【字体:

پالەك بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە تېرىغىلى بولىدىغان كۆكتات بولۇپ، سوغۇققا چىدامچان كېلىدۇ، پالەكنىڭ تۈرلىرىدىن ئەتىيازلىق پالەك، يازلىق پالەك، كۈزلۈك پالەك ۋە قىشلىق پالەك بار. قىشلىق پالەك ئادەتتە قىش كىرىشتىن بۇرۇن تېرىلىپ،ئەتىيازدا يىغىۋېلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈششۈككە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، پالەكنىئۈچەككە كىرىش مەزگىلىدىنبۇرۇن ئوغۇتلاپ، ئوزۇقلۇق تولۇقلاش كېرەك، بۇ پالەكنىڭ قىشتىن ئۆتۈشىدىكى زۆرۈر بولغان تەدبىر، بۇنىڭ رولى خىلوروفىل (叶绿素)نىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، يوپۇرماقنى تولۇق چوڭايتىپ، فوتوسىنتېز رولىنى كۈچەيتىپ، پالەككە ئوزۇقلۇق توپلاشقا قولايلىق تۇغدۇرۇش. ئۆسۈملۈكلەر ئادەمگە ئوخشاش «تېنى كۈچلۈك» بولغاندىلا ئاندىن سوغۇققا تاقابىل تۇرالايدۇ.

سېلىشتۇرۇپ ئېيتقاندا، سوغۇق شارائىتتا ئۆسۈپ چىققان پالەك ئانچە قىرتاق بولماستىنتەملىكرەك كېلىدۇ، يازلىق پالەك بىر قەدەر قىرتاق بولۇپ، ئوكسالىك كىسلاتاسى (草酸)نىڭ مىقدارى كۆپرەك بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۆسۈملۈكلەردىكى ئوكسالىك كىسلاتاسى زىيانلىق ماددا ئەمەس، ئۇ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش، زىيانداش ھاشاراتلارغا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇپ، دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىشلىتىش مىقدارىنى ئازايتىشقا ۋاسىتىلىك ياردەم بېرىدۇ، شۇڭا بىز ئوكسالىك كىسلاتاسىدىن بىزار بولمىساقمۇ بولىدۇ. يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنى ئېلىپ ئېيتقاندا، يوپۇرمىقى قېنىقلاپ كەتكەنلىكى ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ يۇقىرىلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. يېشىل يوپۇرمىقىنىڭ رەڭگى قانچە قېنىق بولسا، خىلوروفىل، بىرىكمە ئوزۇقلۇقنىڭ شۇنچە كۆپ ئىكەنلىكىنى، ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ شۇنچە يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. پارنىكتا، سۇدا ئۆستۈرۈلگەن كۆكتاتيوپۇرمىقىنىڭ رەڭگى كۆپ ھاللاردا سۇس بولىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى شۇكى، قۇياش نۇرى يېتەرلىك بولمىغاچقا، تەركىبىدىكى خىلوروفىل يېتەرلىك بولمىغان. ئۇنىڭدىن باشقا، يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار تەركىبىدىكى فولىككىسلاتاسى (叶酸)، ۋىتامىن K، كىسانتوفىل (叶黄素) ۋە ماگنىي قاتارلىقلارنىڭ مىقدارى خىلوروفىل مىقدارى بىلەن ئوڭ تاناسىپ تۈزىدۇ.

نۇرغۇن كىشىلەر پالەكنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنى پەقەت «تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى كۆپ، قان تولۇقلايدۇ» دەپقارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئىسمى جىسمىغا لايىق ساغلاملىق كۆكتاتى. مۇناسىۋەتلىك ئوزۇقلۇق تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن شۇنى بىلىۋالىمىزكى: پالەكنىڭ تەركىبىدە كالىي مول بولۇپ، مىقدارى بانان ۋە مىخوۋتاۋدىن قېلىشمايدۇ؛ پالەكنىڭ تەركىبىدە ماگنىي مول بولۇپ، كۆكتات ئىچىدە تەركىبىدە ماگنىي ئەڭ كۆپ بولغان كۆكتاتلار ئورنىدا تۇرىدۇ، كالتسىي مىقدارىمۇ تۆۋەن ئەمەس؛ پالەكنىڭ تەركىبىدە كىسانتوفىل مول بولۇپ، ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ تەتقىق قىلىشىچە، پالەكنىڭ ياۋروپا يېمەكلىك تاللا بازىرىدىكىكىسانتوفىل مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغان كۆكتات ئىكەنلىكىجەزملەشتۈرۈلگەن، كىسانتوفىلۋە كاروتېن (胡萝卜素) كۆزنى ساغلاملاشتۇرۇشقا پايدىلىق؛ پالەكنىڭ تەركىبىدە فولىك كىسلاتاسى ۋە ۋىتامىن K مول بولۇپ، باشقا يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا يەنىلا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، رەڭگى سۇس بولغان كۆكتاتلارنىڭ پالەك بىلەن بولغان پەرقى تولىمۇ زور؛ پالەكنىڭ تەركىبىدە يېمەكلىك تالالىرى مول بولۇپ، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق؛ پالەكنىڭ تەركىبىدە كۆپ خىل ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددىلار مول بولۇپ، ئوكسىگېن ئەركىن رادىكالى (氧自由基)نىسۈمۈرۈشئىقتىدارى كۆكتاتلار ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ؛ پالەكنىڭ تەركىبىدىكى باشقا ئوزۇقلۇق ماددىلارىڭ مىقدارى، جۈملىدىن ۋىتامىن C، كاروتېن ۋە ۋىتامىن B2 قاتارلىقلارنىڭ مىقدارى كۆكتاتلارنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى. ئەگەر بەزى خاتا چۈشەنچىلەر تۈپەيلىدىن بۇ خىل تەملىك ھەم ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان ياخشى يېمەكلىك ماتېرىيالىنى قولدىن بېرىپ قويساق، ھەقىقەتەن ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدۇ.