ئۇيقۇڭىزنىڭ سۈپەتلىك ياكى ئەمەسلىكىنى ئۆلچەپ بېقىڭ

日期:2020年04月17日
来源:天山网
【字体:

 ئۇيقۇ سۈپىتىنى سىناش ئۇسۇلى:

1. ئۇيقۇغا كىرىشىشىم تەسرەك(ئۇيقۇغا كىرىشۋاقتى 30 مىنۇتتىن ئېشىپ كېتىدۇ).

2. كۈندىلىك كېچىلىك ئۇيقۇ ۋاقتىم ئالتە سائەتتىن ئاز.

  3. ئۇخلاشتىن بۇرۇن كۆپ خىيال سۈرىمەن.

4. ئۇيقۇ توغرىسىدا كۆرۈلىدىغان مەسىلىلەرنى پەرەز قىلالايمەن.

5. كېچىدە ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ قېتىم ئويغۇنىمەن.

  6. ئويغىنىپلا كەتسەم تەستە ئۇخلايمەن.

7. بەزى ئىشلاردىن ئەنسىرەپلا تۇرىمەن.

  8. ئۆزۈم ئويلىغان ئورنۇمدىن تۇرۇش ۋاقتىدىن خېلى بۇرۇنلا ئويغىنىپ كېتىمەن.

9. دائىم ئويغانغاندىن كېيىن، يەنىلا ئۇيقۇغا قانمىغاندەك ھېس قىلىمەن.

10. مەن دائىم غەمكىنلىك، تەشۋىشلىنىش ۋە چۈشكۈنلۈك ئىچىدە تۇرىمەن.

  ئەگەر ھەممىسىگە [ياق] دەپ جاۋاب بەرگەن بولسىڭىز، بۇ ھازىرقى ئۇيقۇ سۈپىتىڭىزنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ، بۇنىڭدىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەگەر پەقەت 1~2سىگە [ھەئە] دەپ جاۋاب بەرگەن بولسىڭىز، ئۇيقۇ سۈپىتىڭىزگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆزىڭىزنى تەڭشىسىڭىز بولىدۇ. ئۈچ ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇققا [ھەئە] دەپ جاۋاب بەرگەن بولسىڭىز، ھازىرقى ئۇيقىڭىزنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

  ئۆزىنى قانداق تەڭشەش كېرەك ؟

  1.بەلگىلىگەن ۋاقىتتا ئورنىدىن تۇرۇش. يۇقۇم مەزگىلىدە ئۆيدە ئولتۇرغانداۋاقىت ئەركىن بولغانلىقتىن، تۈنەيدىغانلار كۆرۈنەرلىك كۆپىيىپ،ئۇيقۇ سۈپىتى بىر مەسىلىگە ئايلاندى، بۇنىڭدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى بىيولوگىيەلىك سائەتنىڭ قالايمىقان بولۇشىدۇر. شۇڭا ئۇيقۇ سۈپىتىنىئەسلىگە كەلتۈرۈشتە بىيولوگىيەلىك سائەت ئىنتايىن مۇھىم. ئۇخلاش ۋاقتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كونترول قىلىش بەك تەس، لېكىن ئويغىنىش ۋاقىتىنى ئۆزى بەلگىلىسە بولىدۇ. ئادەتتە كەچ سائەت 11:00 ئەتراپىدا ئۇخلىسا، ئەتىگەندە مۇقىم ۋاقىتتا ئويغانغىلى، ۋاقىت ئۇزارغانسېرىبىيولوگىيەلىك سائەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

  2. ئۆزىنى ئەركىن تۇتۇش. كۆپ ساندىكى ئۇيقۇسىزلىق قورقۇش، ئەندىشە قىلىش، جىددىيلىشىش، تەشۋىشلىنىش، مەيۈسلۈك قاتارلىق پاسسىپ كەيپىياتبىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ يەنە ئۇيقۇغا بولغان زىيادە تەشۋىشلىنىشى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، مەسىلەن، كەچ كىرىشى بىلەنلا ئۇيقۇسىزلىقتىن قورقۇش، ئۇيقۇسى كەلگەنسېرى ئۇخلىيالماسلىق، ئۇيقۇسى كەلسىمۇ يەنە سەگەكلىشىپ كېتىش قاتارلىقلار. شۇڭا ئۇيقۇسىزلىقنى داۋالاشتا ئۇيقۇسىزلىققىلا دىققەت قىلماي، ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبلەرنى تۈگىتىش كېرەك. دائىم قوللىنىدىغان كەيپىياتنى ياخشىلاشتادىققەتنى يۆتكەش، مۇزىكا ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلى قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللانسىمۇ بولىدۇ.

  3. يېشىل تەڭشەش تەدبىرى. جۇڭيى تىبابىتىدەئادەم روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن بىردەكلىككى ئىگە، بەدەندىكى ئىچكى ئەزالار، بەدەن ۋە قان، جىڭلو ئارقىلىق تەڭشەلگەندەئۇيقۇغا ياردەم بەرگىلى بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. مەسىلەن، جىڭلو پەللىسىنى ئۇۋۇلاش، پەللە ئۇۋۇلاش، قۇلاق سۇپرىسىنى ئۇۋۇلاش، پۇت چىلاش، تەيجى گۇمپىسى ئويناش، يېمەكلىك بىلەن داۋالاش قاتارلىقلار بولۇپ، مۇھىمى ئىزچىلداۋاملاشتۇرۇشتۇر.