ئاپېلىسىن شەربىتى ئىچىپ بەرسە، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ

日期:2020年04月13日
来源:天山网
【字体:

يېقىندا، ئەنگلىيە ئالىملىرىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىدە ئايان بولۇشىچە، ئاپېلىسىن شەربىتى ئىچىپ بەرگەندە ئىككى ئايغا يەتمىگەن ۋاقىتتا ياشانغانلارنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى، تىلىنىڭراۋانلىقى ۋە چوڭ مېڭە ئىنكاسىنى % 10كە يېقىن يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدىكەن.

تەتقىقات گۇرۇپپىسى 37 نەپەر تېنى ساغلام پىدائىيدىن ھەر كۈنى 500 مىللىلىتېر (تەخمىنەن ئىككى ئىستاكان)دىن ئاپېلىسىن شەربىتى ئىچىشنى، بۇنى ئۇدا سەككىز ھەپتە داۋاملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. نەتىجىدە سىناققا قاتناشقۇچىلار (يېشى 60 ياشتىن 81 ياشقىچە)نىڭ مېڭە ئىقتىدارى روشەن ياخشىلانغان. ئالىملار بۇنداق بولۇشىفىلاۋونوئىد دەپ ئاتىلىدىغان خىمىيەلىك ماددىنىڭ تەسىرىدىن بولۇپ،فىلاۋونوئىدنىڭياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسىلىنى داۋالاشقا ياردىمى بولىدۇ، دەپ قارىغان.

تەتقىقاتتا يېمەكلىكلەردىكى فىلاۋونوئىدنىڭ ئاجىز نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنى قوغدايدىغانلىقى، ھازىر بار بولغان نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، نېرۋىلارنىڭ قايتا ھاسىل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقى، بۇ ئارقىلىق قېرىلىشىش بىلەن ئالاقىدار ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنىڭتوسالغۇغا ئۇچرىشىنى ياخشىلاپ، ھايۋانلار ۋە ئادەملەرنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى، ئۆگىنىش ۋە ئادەتتىكى تونۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغانلىقى بايقالغان. يازما ماتېرىياللاردىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تەتقىقاتچىلار 2574 نەپەر ئوتتۇرا ياش كىشىنى 13 يىل تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، يۇقىرى فىلاۋونوئىدنىقوبۇل قىلىش مىقدارىنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغانلىقىنى بايقىغان.