يان تېلېفونىڭىزنى قويۇپ، ياخشى ئۇيقۇڭىزنى تېپىۋېلىڭ

日期:2020年04月10日
来源:天山网
【字体:

يېقىندا، جۇڭگو ئۇيقۇ تەتقىقات جەمئىيىتى بىلەن مۇسى ياتاق بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى ئېلان قىلغان تەتقىقات نەتىجىسىدەكۆرسىتىلىشىچە،ئومۇمىيخەلق ئۆيدىكى مەزگىلىدە، ئۇيقۇنىڭ «مىقدارىغا كاپالەتلىك قىلالىسىمۇ، سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلالمايدىكەن»، كىشىلەر گەرچە كۆپ ئۇخلىسىمۇ، لېكىن ئۇيقۇ سۈپىتى تۆۋەن ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، كىشىلەر ئۇخلاشتىن بۇرۇن يان تېلېفون ئويناشنى ياخشى كۆرگەچكە،«يان تېلېفون ئويناش ـــ كەچ ئۇخلاش ـــ ياخشى ئۇخلىيالماسلىق»تەك ناچار دەۋرىيلىنىش ئەھۋالىغا ئومۇميۈزلۈك پېتىپ قالىدىكەن.

ئىلگىرىكى قىسمەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئالاقە تورى دەۋرىدە، «ياخشى ئۇخلاش»مۇ بارغانسېرى تەسلىشىپ كېتىۋېتىپتۇ. جۇڭگولۇقلار ھەر كۈنىكۆچمە ئۈسكۈنىلەرگەئوتتۇرا ھېساب بىلەن 6.2 سائەت ۋاقىت سەرپ قىلىدىكەن؛ %56 ئالاقە تورى ئابۇنېتىئۆزىدە ئۇيقۇ مەسىلىسى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. %75 ئادەم ئۇخلاشتىن بۇرۇن يان تېلېفون ئىشلىتىدىكەن، ئۇخلاشتىن بۇرۇن يان تېلېفون ئوينايدىغانلار %59نى ئىگىلەيدىكەن. ياشلار ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلاردىن تېخىمۇ ئايرىلالمايدىكەن، ئويۇن ئويناش، كىنو كۆرۈش، مىكرو بىلوگ كۆرۈش ياشلارنىڭ ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى «ھەمراھ»ى ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن قارمۇ قارشى بولغىنى «ئۇخلىيالماسلىق، ئورنىدىن تۇرالماسلىق»، «ئۇخلىسىمۇ يەنىلا چارچاش» قاتارلىقلارنىڭ %91كە يېتىدىكەن.

«ياخشى ئۇيقۇ ساغلاملىقنىڭ بەلگىسى، ياخشى ئۇخلىيالماسلىق كېسەللىكنىڭ ئالامىتى». دۇنيا ئۇيقۇ ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى، جۇڭگو ئۇيقۇ تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ سابىق كېڭەش باشلىقى خەن فاڭ يېقىندا «3.21 دۇنيا ئۇيقۇ كۈنى جۇڭگو باش تېمىسىدىكى توردا ئېلان قىلىش يىغىنى»دا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىلقى باش تېما «ياخشى ئۇيقۇ، ساغلام جۇڭگو»، ئۇيقۇ كېسەللىكى ئىنسانلارنىڭ ھاياتلىق دەۋرىيلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئادەم بەدىنىنىڭ ساغلاملىقى ۋە ئۆمرى ئۇيقۇ سۈپىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئۇ مۇنداق دېدى: خەلقئارا ئۇيقۇ كېسەللىكلىرى «ئۇخلىيالماسلىق، ئۇيقۇسى قانماسلىق، ياخشى ئۇخلىيالماسلىق»تىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تۈردىكى 90 نەچچە خىل ئۇيقۇ كېسەللىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، %10تىن يۇقىرى، تەخمىنەن 150 مىليون ئادەم ئاكتىپلىق بىلەن داۋالىنىشقا ئېھتىياجلىق، يېرىمدىن كۆپرەك ئادەمنىڭ بىر ئۆمرىدە ئۇيقۇ مەسىلىسى كۆرۈلىدۇ. خەن فاڭنىڭ قارىشىچە، ياخشى ئۇخلاش «يېتەرلىك ئۇخلاش ۋاقتى، ياخشى ئۇيقۇ سۈپىتى، قانۇنىيەتلىك ئۇخلاش» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. شۇڭا، ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقى ۋەپۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىكىگەغەمخورلۇق قىلىش نۇقتىسىدىن ياخشى ئۇيقۇغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى تەشەببۇس قىلدى: ئۇخلاشتىن بۇرۇن يان تېلېفونىڭىزنى قويۇپ قويۇڭ،ئۇيقۇڭىزنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاشقا كۈچەڭ، ئەمگەكۋە دەم ئېلىش تەرتىپلىك بولسۇن، چېنىقىشنىكۈچەيتىڭ، تولۇپ تاشقان زېھنىي كۈچىڭىزنى خىزمەت ۋە ئۆگىنىشكە سەرپ قىلىڭ، كەچ ئۇخلىماڭ، تېلېفون ئويناشنى ھازىرقى زامان ياشلىرىنىڭ ئورتاق كېسەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ قويماڭ.