سۇڭپىيازنىڭ داۋالاش ئۈنۈمىنى بىلەمسىز؟

日期:2020年04月09日
来源:天山网
【字体:

سۇڭپىياز تەركىبىدە ئاقسىل، ماي، ۋىتامىن، مېۋە يېلىمى قاتارلىقلار بار بولۇپ، سۇڭپىيازنىڭ يوپۇرماق قىسمىدا سۇڭپىياز بېشىغاقارىغاندا ۋىتامىن A، ۋىتامىن C ۋە كالتسىيتېخىمۇ كۆپ.

1. سۇڭپىياز تەركىبىدە غىدىقلىغۇچى پۇراققا ئىگە ئۇچۇچان ماي ۋە لازا ئېلېمېنتى بولۇپ، سېسىق پۇراق قاتارلىق مايلىق، پۇرىقى كۈچلۈك قورۇمىلاردىكى غەيرىي پۇراقلارنى يوقىتىپ، ئالاھىدە خۇش پۇراق ھاسىل قىلىپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇھەممىكروب ئۆلتۈرۈش رولىغا ئىگە.

2. سۇڭپىيازنى تەركىبىدە ۋىتامىن B1 مول بولغان يېمەكلىكلەر بىلەن بىللە ئىستېمال قىلغاندا، چارچىغاندىكى ھاردۇقنى چىقىرىشرولىنى ئوينايدۇ.

3. ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، قىل قانتومۇرلارنى كېڭەيتىپ، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قان بېسىمىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان باش قېيىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، چوڭ مېڭىنىڭ سەگەكلىكىنى ساقلاش ۋە ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ.

4. بەدەننى ساغلاملاشتۇرىدۇ، بەدەنگەئوزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

5. راكنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، راكقا قارشى تۇرىدۇ، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىدىكى نىترىت كىسلاتا تۇزى مىقدارىنى تۆۋەنلىتىپ، ئاشقازان راكى ۋە كۆپ خىل راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بەلگىلىك رول ئوينايدۇ.

6. زۇكامنى داۋالايدۇ، سۇڭپىيازدىكى ئۇچۇچان ماي قاتارلىق ئۈنۈملۈك تەركىبلەر بەدەندىكى تەر بېزىنى غىدىقلاپ، تەرلىتىش، ئىسسىقلىقنى تارقىتىش رولىغا ئىگە؛ سۇڭپىياز مېيى نەپەس يولىنى غىدىقلاپ، يېپىشقاق بەلغەمنى چىقىرىدۇ.

تۆۋەندىكى تۆت خىل كىشىلەر سۇڭپىياز ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىشىكېرەك

1. ئاشقازان-ئۈچەي كېسىلى، بولۇپمۇ ئاشقازان يارىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر كۆپ ئىستېمال قىلسا بولمايدۇ.

2. سۇڭپىيازنىڭ تەر بېزىنى غىدىقلاش رولى بىر قەدەر كۈچلۈك بولۇپ، بەدىنىدە پۇراق كۈچلۈك كىشىلەر يازدا ئېھتىيات بىلەن ئىستېمال قىلىشى كېرەك.

3. بەدىنى ئاجىز، كۆپ تەرلەيدىغانلارمۇ ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك.

4.جۇڭيى دورىسى ياكى تەييار جۇڭيى دورىسى ئىچكەندە، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئەمەل قىلىش تەلەپ قىلىنغان ياكى قىلىنمىغانلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك.

سۇڭپىيازنى ئىستېمال قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە مىقدارى ۋە ئورتاق ئىستېمال قىلىدىغان يېمەكلىكلەرگە دىققەت قىلىش، سۇڭپىيازنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىش كېرەك. سۇڭپىيازنى ھەسەل بىلەن بىللە يېيىشكەبولمايدۇ.