سىرتقا چىقىپ نەرسە-كېرەك سېتىۋالغاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك تۆت نۇقتا

日期:2020年03月12日
来源:天山网
【字体:

بىرىنچى، مال سېتىۋالغاندا ئامال بار سودا ساراي، تاللا بازىرىغا خېرىدارلارباس-باس ۋاقىتتا بېرىشتىن ساقلىنىش، مەسىلەن، خىزمەت كۈنى ياكى ئەتىگەندە تىجارەت باشلىغان ۋاقىتتا بېرىش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا باشقىلار بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

ئىككىنچى، تۆۋەنرەك قەۋەتتىن مال سېتىۋالماقچى بولغاندا، پەلەمپەيدە مېڭىشنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئېگىزرەك قەۋەتتىن مال سېتىۋالماقچى بولغاندا،ئالدى بىلەن پەلەمپەيلىك لىفىتنى ئىشلىتىش تەكلىپىنى بېرىمىز. ئەگەر چوقۇم لىفىتقا چىقىش زۆرۈر بولسا، لىفىتقا چىقىدىغان ئادەم كۆپ بولسا،كېيىنكى قېتىملىق لىفىتنى ساقلىساق بولىدۇ. لىفىتقا چىققاندا ماسكا تاقىۋېلىش، لىفىتقا چىققان باشقا كىشىلەر بىلەن مۇئەييەن بىخەتەر ئارىلىق ساقلاش كېرەك.

ئۈچىنچى، پۈتۈن مۇساپىدە ماسكىنى توغرا تاقاش كېرەك.

تۆتىنچى، قول تازىلىقىنى ياخشى قىلىش كېرەك.