سىرتقا چىقىپ غىزالانغاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك 10 نۇقتا

日期:2020年03月12日
来源:新疆日报
【字体:

1. ئۆچىرەتتە تۇرۇش جەريانىدا ماسكا تاقاش، ئازراق پاراڭلىشىش، ئالدى-كەينىدىكى خېرىدارلار بىلەن بەلگىلىك بىخەتەر ئارىلىق ساقلاش كېرەك.

2. ئۆچرەتتە تۇرغاندا چۈشكۈرگەندە، قەغەز بىلەن ئېغىز، بۇرنىنى توسۇۋېلىش ياكى بېلەك بىلەن توسۇش كېرەك.

3. تاماق ئالغانداكۆپ ئۇچرىشىدىغان نەرسىلەرنىڭ سىرتقى يۈزىنىقول بىلەن بىۋاسىتە تۇتۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.

4. ھېسابات قىلغاندا ئامال بار ئىككىلىك كود قاتارلىق ئېلېكترونلۇق چىقىم قىلىش ئۇسۇلىنى تاللاپ، نەق پۇلدا ھېسابات قىلىشنى ئازايتىش كېرەك.

5. غىزالىنىشتىن بۇرۇن پاكىز ئۈستەل-ئورۇندۇقلارنى تاللاش، ئەڭ ياخشىسى ئىشىك-دېرىزىلەرگە يېقىن بولغان، شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان ئورۇننى تاللاش كېرەك.

6. قول تازىلىقىغا دىققەت قىلىش، قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقىدا، ئېقىۋاتقان سۇدا قول يۇيۇش ياكى قولنى دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك.

7. غىزالىنىش جەريانىدا ماسكىنى ئېلىۋەتكەندە، ماسكىنىڭ ئىچكى تەرىپىنىڭ تازىلىقىنى ساقلاشقا دىققەت قىلىپ، بۇلغىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

8. باشقا كىشىلەر بىلەن ئۇدۇل ئولتۇرۇشتىن ساقلىنىش، ئەڭ ياخشىسى بىر يۆنىلىشتە ئولتۇرۇش ھەم بىر مېتىردىن چوڭ ئارىلىق ساقلاش كېرەك.

9. غىزالىنىش ۋاقتىنى ئىمكانقەدەر قىسقارتىپ، كەسىپداشلار بىلەن بولغان ئالاقىنى ئازايتىش كېرەك. ئەگەر ئاشخانىدا ئادەم بىر قەدەر كۆپ بولسا، تاماقنى ئوراپ قاچىلاپ ئېلىپ كېتىش بىر قەدەر ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ.

10. تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن، دەرھال ئاشخانىدىن ئايرىلىش، ئاشخانىدا تۇرۇش ۋاقتىنى ئازايتىش كېرەك.