ئىلمىي ئۇسۇلدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ياشانغانلار تۆۋەندىكى بەش نۇقتىغا دىققەت قىلىشى كېرەك

日期:2020年03月15日
来源:天山网
【字体:

(1) ئامال بار سىرتقا چىقماسلىق، ئادەم توپلاشقان جايلارغا بارماسلىق، ۋىرۇسبىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىنى ئازايتىش، يۇقۇش مۇمكىنچىلىكى بولغان يوللارنى ئۈزۈپ تاشلاش، چوقۇم سىرتقا چىقىشقا توغرا كەلگەندە مۇداپىئە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

(2) ئۆزىگە بىر يېڭى ساغلام ۋاقىت جەدۋىلى تۈزۈپ، ئارام ۋاقتىنى قانۇنىيەتلىك قىلىش، ياخشى بولغان شەخسىي تازىلىق ئادىتىنى ساقلاش كېرەك.

(3) ئورگان تاراتقۇلىرى ئارقىلىق نوپۇزلۇق ئۇچۇرلارنى ئىگىلەش، باشقا يوللار ئارقىلىق ئېرىشكەن ئۇچۇرلارغا ئاسانلىقچە ئىشىنىپ كەتمەسلىك، تارقاتماسلىق، بىھۇدە ۋەھىمىگە چۈشۈش ۋە تىت-تىت بولۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.

(4) ياخشى كەيپىياتنى ساقلاپ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆپرەك پاراڭلىشىپ، سىردىشىپ، تۇغقانلىرى، دوستلىرى بىلەن يان تېلېفون، ئالاقە تورى قاتارلىقلار ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۆزئارا كۆيۈنۈپ، ئۆزئارا قوللاش كېرەك.

(5) ئەگەر قورقۇش، تەشۋىشلىنىش كەيپىياتى كۆرۈلسە، ئائىلىسىدىكىلەرگە دېيىش، ئۆزىنى ئەركىن قويۇۋېتىش مەشىقى ئېلىپ بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق پاسسىپ كەيپىياتنى تۈگىتىش كېرەك؛ ئەگەر پاسسىپ كەيپىيات ياخشىلانمىسا، ئالاقە تورى ياكى پىسخىكا جەھەتتىن ياردەم بېرىش قىزىق لىنىيەسى ئارقىلىق كەسپىي ياردەم سورىسا بولىدۇ.