[يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش دەرسخانىسى] يۇقۇم مەزگىلىدە قاتناش قورالىغا ئولتۇرغاندا ئۆزىنى قانداق قوغداش كېرەك

日期:2020年04月03日
来源:天山网
【字体:

ھازىر نۇرغۇن جايلاردا ئىش تەدرىجىي ئەسلىگە كەلدى، كۆپ ساندىكى كىشىلەر خۇسۇسىي ئاپتوموبىل ياكى ۋېلىسىپىت بىلەن سىرتقا چىقىشنى تاللايدۇ، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ئاممىۋى ئاپتوبۇس، مېتروغا ئولتۇرۇشنى تاللايدۇ، ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا شەخسىي قوغدىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگىلى بولىدۇ؟

خۇسۇسىي ئاپتوموبىلغا چىققاندا: كېسەللىك تارقىلىۋاتقان مەزگىلدە، خۇسۇسىي ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ سىرتقا چىققاندا، دېرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش قېتىم سانىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىشكە بولىدۇ. ئەگەر ئاپتوموبىلغا كۆپ ئادەم ئولتۇرسا، ماسكا تاقاش كېرەك. ياخشى بولغان قول تازىلىقى ئادىتىنى ساقلاپ،ئېغىز، كۆز، بۇرۇننى قول بىلەنبىۋاسىتە تۇتۇشتىنساقلىنىپ، مەنزىلگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن قولنى دەرھال يۇيۇش كېرەك. قەرەللىك ھالدا ئىشىك تۇتقۇچ، ئاپتوموبىل ئاچقۇچى، رول قاتارلىق قول بىلەن كۆپ ئۇچرىشىدىغان ئورۇنلارنى %75لىك ئېتىل ئالكوگول بىلەن سۈرتۈش كېرەك.

ئەگەر ئاپتوموبىلدا ئولتۇرغانلار ئارىسىدا گۇمانلىق ياكى ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى بايقالغان بولسا، كەسپىي خادىملارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئاپتوموبىلنىڭ ئىچكى قىسمىنى ۋە ئاپتوموبىلنىڭ ئىشىك تۇتقۇچى قاتارلىقلارنى دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك. 1000mg/Lلىق خىلورلۇق دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى ياكى 500mg/Lلىق دېزىنفېكسىيە دورىسى بىلەن سۈرتۈپ ياكى پۈركۈپ دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك، دېزىنفېكسىيە قىلىش ۋاقتى 30 مىنۇتتىن كەم بولسا بولمايدۇ، ئاندىن كېيىن ئادەتتىكى ئۇسۇلدا يۇيۇپ تازىلاش كېرەك.

ۋېلىسپىت مىنگەندە: ۋېلسىپىت مىنىپ سەپەرگە چىققاندا، باشقا كىشىلەر بىلەن مۇۋاپىق ئارىلىق ساقلاپ، يۇقۇم كۆپ يۈز بېرىدىغان رايونلاردا ماسكا تاقاش ھەمدە ۋاقتىدا قول يۇيۇشقا دىققەت قىلىش، قول تازىلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ئاممىۋى ئاپتوبۇس، مېتروغا چىققاندا:ئاممىۋى ئاپتوبۇس، مېترو بىلەن سىرتقا چىققاندا، پۈتۈن مۇساپىدە چوقۇم ماسكىنى توغرا تاقاش كېرەك،داۋالاشتائىشلىتىلىدىغان بىر قېتىملىقماسكا تاقىسا بولىدۇ. ئورۇندۇق، تۇتقۇچ، ئاپتوموبىل ئىشىكى، ئاپتوبۇسنىڭ تۇتقۇچى قاتارلىقلارنى تۇتقاندىن كېيىن، ئېغىز، كۆز، بۇرۇننى قول بىلەن بىۋاسىتە تۇتماسلىق كېرەك. ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن دەرھال قول يۇيۇش، قولنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش كېرەك.