[يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش دەرسخانىسى] يۇقۇم مەزگىلىدە لىفىتقا چىققاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك

日期:2020年04月02日
来源:天山网
【字体:

(1) لىفىت ساقلىغاندا ۋە لىفىتقا چىققاندا، پۈتۈن مۇساپىدە داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر قېتىملىق ماسكىنى ئۆلچەملىك تاقاش كېرەك.

(2) لىفىتقا چىققاندا، قىستا-قىستاڭ لىفىتقا چىقىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش، لىفىتقا بىللە چىققانلار بىلەن ئىمكانقەدەر ئارىلىق ساقلاش كېرەك.

(3) لىفىت ساقلىغاندا ياكى لىفىتقا چىققاندا، ئەگەر باشقا لىفىت ساقلىغۇچىلاردا يۆتىلىش قاتارلىق گۇمانلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ئامال بار بىللە لىفىتقا چىقىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

(4) يۆتەلگەندەقائىدە-يوسۇنغا دىققەت قىلىش، بىر قېتىملىق تازىلىق قەغىزى بىلەن ئېغىز-بۇرنىنى ئېتىۋېلىش ھەمدە مۇۋاپىق جايغا تاشلىۋېتىش ياكى بېلەك بىلەنئېغىز بۇرنىنى توسۇپ يۆتىلىشكېرەك.

(5) لىفىتنىڭ كۇنۇپكىسىنى باسقاندا، تازىلىق قەغىزى ياكى دېزىنفېكسىيە قەغىزى بىلەن بېسىش، قول بىلەن بىۋاسىتە بېسىشتىن ساقلىنىش ياكى قول بىلەن باسقاندىن كېيىن قولنى ۋاقتىدا يۇيۇش كېرەك.

(6) لىفىت ئىچىدە نەرسە يېمەسلىك كېرەك.

(7) لىفىتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن قولنى پاكىز يۇيۇش، قول يۇيۇشسۇيۇقلۇقى (ياكى سوپۇن) بىلەن قولنى ئېقىۋاتقان سۇدا يۇيۇش ياكى ئىسپىرتلىق قول دېزىنفېكسىيەلەش سۇيۇقلۇقى ئىشلىتىش كېرەك.

(ماتېرىيال مەنبەسى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ساغلاملىق تەربىيەسى قوللانمىسى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قوللانمىسى)