سىرتقا چىقىپ ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، بەدىنىمىزنىڭ قايسى قىسمى تازىلاش، دېزىنفېكسىيە قىلىشقا ئەڭ ئېھتىياجلىق؟

日期:2020年03月03日
来源:新疆日报
【字体:

چاچ

ئۆيدىن سىرتقا چىققاندا ياكى بىر قىسىم ئاممىۋى سورۇنلارغا بارغاندا، چاچقا قويۇقلۇقى يۇقىرى ھەمدە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تىرىك ۋىرۇس چاچراندىلىرىنىڭ يېپىشىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى تۆۋەن، شۇڭلاشقا سىرتقا چىقىپ ئۆيگە قايتىقاندىن كېيىن مەخسۇس باش يۇيۇش ياكى دېزىنفېكسىيە قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، كۈندىلىك تازىلىققا ئەھمىيەت بەرسەكلا كۇپايە.

تېرە

نەپەس يولى چاچراندىلىرى ۋە قويۇق ئۇچراشقانلاردىن تارقىلىشيەنىلا ئاساسلىق تارقىلىش يولى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس تېرىدىن ئۆتۈپ بەدەنگە كىرەلمەيدۇ، پەقەت توغرا بولغان قول يۇيۇش ئۇسۇلىنى داۋاملاشتۇرساقۋە پات-پات قول يۇيۇشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغاندىلا، ۋىرۇسنىڭ بۇ يوللار ئارقىلىق تارقىلىشىدىن ساقلانغلى بولىدۇ.

كۆز، ئېغىز، بۇرۇن

ۋىرۇس ئاساسلىقى شىللىق پەردىدىن تاجاۋۇز قىلىدۇ، مەسىلەن، ئېغىز بوشلۇقى، بۇرۇن بۇشلۇقى ۋە كۆز قىسمى ئارقىلىق بەدەنگە كىرىدۇ. شۇڭلاشقا قولنى يۇيماي تۇرۇپ كۆزىنى ئۇۋۇلىماسلىق ياكى شىللىق پەردىلىك ئورۇنلارنى تۇتماسلىق كېرەك.

كىيىم-كېچەك

ۋىرۇسنىڭ بۇلغانغان كىيىملەر ئارقىلىق كىشىلەرنى يۇقۇملاندۇرۇش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن تۆۋەن. ئەگەر ئالاھىدە بەلگىلەنگەن ئورۇنغا بارمىغان بولسا، شۇنىڭدەك دوختۇرخانىغا بىرىپ كېسەل يوقلىغان ياكى گۇمانلىق كېسەللىك ئالامىتى بار كىشىلەر بىلەن ئۇچراشقان بولمىسا، كىيىم-كېچەكلەرنى مەخسۇس دېزىنفېكسىيە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.

ئاياغ چەمى

چاچراندىلار يەرگە چۈشكەندىن كېيىن، ئاياغ چەمىگە ۋىرۇسلارنىڭ چاپلىشىۋېلىش ئېھتىماللىقى بولىدۇ، مىقدارىمۇ ئىنتايىن ئاز بولىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئاياغلارنى دېزىنفېكسىيە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، پاكىزلىقىنى ساقلىسىلاكۇپايە، ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ئىشىك ئالدىدا ئاياغ ئالماشتۇرۇش تەكلىپىنى بېرىمىز.

ماسكا

ماسكىنىڭ تاشقى قەۋىتى ئەڭ مەينەت بولىدۇ، ئۆيگە قايتىپ ماسكىنى ئالغاندا ماسكىنىڭ سىرتقى تەرىپى بىلەن ئۇچراشماي، قۇلاققا ئىلىپ قويىدىغان يىپىدىن تۇتۇپ ئېلىۋېتىش كېرەك. داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر قېتىملىق ماسكىنى پاكىز، قۇرغاق، شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان مۇھىتتا تەبىئىي قۇرۇتقاندىن كېيىن يەنە تەكرار ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

يان تېلېفون

سىرتقا چىقىپ ئۆيگە قايتىقاندىن كېيىن، يان تېلېفوننىڭ توك مەنبەسىنى ئۆچۈرۈپ، %75 لىك ئىسپىرتقا چىلانغان پاختا ياكى ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارغازىيىنى بولمىغان دېزىنفېكسىيە قەغىزى بىلەن يان تېلېفون يۈزىنى سۈرتۈش تەكلىپىنى بېرىمىز. ئەگەر سىرتقا چىققاندا يان تېلېفون ئىشلىتىلمىسە، يان تېلېفوننىڭ سىرتقى يۈزىنى دېزىنفېكسىيە قىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق.

ئاچقۇچ

كۆپچىلىك دائىم دېگۈدەك ئۆزىنىڭ ئاچقۇچلىرىغا سەل قارايدۇ. ئاچقۇچنى ئىسپىرت تەركىبى بار دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى ياكى ئىسپىرتلىق پاختا ياپراقچىسى بىلەن سۈرتۈپ تازىلىسا بولىدۇ.

مال سېتىۋېلىش خالتىسى

سىرتقا چىقىپ مال سېتىۋالغاندا، ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىز مال سېتىۋېلىش خالتىسى تەييارلاڭ. لازىم بولغاندا %75 لىك ئىسپىرتنى سىرتقى يۈزىگە پۈركۈپ دېزىنفېكسىيە قىلسىڭىز بولىدۇ.