مۇتەخەسسىسلەر ئۆيدىن چىقمىغان مەزگىلدە زىيادە ئورۇقلىماسلىقنى ئەسكەرتتى

日期:2020年02月20日
来源:天山网
【字体:

ئۆيدىن چىقمىغان كۈنلەردە راڭپىزا پىشۇرۇش، لەڭمەن ئېتىش، نان پىشۇرۇش، بولكا پىشۇرۇش ... دوستلار چەمبىرىكىدە بىر تۈركۈم «ئاشپەز»لەر، يېمەك-ئىچمەك ئۇستىلىرى بارلىققا كەلدى، يەنە نۇرغۇن كىشىلەر تەنھەرىكەت ئارقىلىق ئورۇقلاشقا قىزىقىپ، قانچىلىك ئورۇقلىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

2- ئاينىڭ 18- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى ساغلاملىق بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن بىرلىشىپ، يۇقۇم مەزگىلىدە زىيادە ئورۇقلىماسلىق، مۇۋاپىق غىزالىنىش ئارقىلىق ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كېسەلنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

«ئۆيدىن چىقمىغان مەزگىلدە، ئۈچ ۋاق تاماقنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇش، يېمەك-ئىچمەك ئارقىلىق ۋىتامىن، ئاقسىل، مىنېرال ماددا، سىنىك، ماگنىي، تۆمۈر قاتارلىق مىكرو ئېلېمېنتلارنى مۇۋاپىق تولۇقلاش كېرەك.» ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساغلاملىق بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مۇتەخەسسىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ئوزۇقلۇق تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى فەن مىن مۇنداق دېدى: ھەرگىز زىيادە ئورۇقلىماسلىق، مۇۋاپىق چېنىقىش، ئەمما زىيادە چېنىقماسلىق كېرەك، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مېتابولىزىمنى ياخشىلاپ، مۇسكۇللارنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، كەيپىياتنى ياخشىلاپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.

نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئۆيدە ئولتۇرۇپ ھەرىكەت ئاز بولۇش سەۋەبىدىن بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىشتىن ئەنسىرەش مەسىلىسىگە قارىتا، فەن مىن مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئامال بار قاينىتىپ پىشۇرۇش، دۈملەپ پىشۇرۇشتەك ئۇسۇلدا ئېتىلگەن تاماقلارنى كۆپرەك يەپ، قورۇغان، ياغقا سالغان تاماقلارنى ئازراق يېيىش كېرەك. مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش، مۇۋاپىق چېنىقىش، شۇنداقلا ياخشى ئۇخلاش، كەيپىياتنى خۇشال تۇتۇشنىڭ ھەممىسى ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى.