ياشانغانلار يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسى ئالدىدا قانداق قىلىشى كېرەك؟

日期:2020年02月18日
来源:新疆日报
【字体:

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىدە، يېقىندا نۇرغۇن ياشانغانلارنىڭ روھىچۈشكۈنلەشتى. ئۇنداقتا، روھىي ھالەتنى قانداق تەڭشەش كېرەك؟ 2-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 4-خەلق دوختۇرخانىسى روھىي كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مەسئۇل ۋىراچى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك پىسخىكىلىق داۋالىغۇچى مەلىكەم بۇ ئەھۋالغا قارىتا تەكلىپ-پىكىر بەردى.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، مەلىكەمدىن مەسلىھەت سورىغان ياشانغانلاردىكى مەسىلەئاساسلىقى ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرى، تۇرمۇش رېتىمى تۇيۇقسىز ئۆزگەرگەچكە، بەزى ياشانغانلار ماسلىشالماي، كەيپىياتى چۈشكۈنلىشىپ، مەيۈسلەنگەن؛ يەنە بىرى، بەزىلەر ھەتتا ئۆزىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇۋالغانلىقىدىن ئەنسىرەپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ باقماقچى بولغان.

مەلىكەم مۇنداق تەكلىپ بەردى، ياشانغانلار يۇقۇمغاپەرۋا قىلمىسا بولمايدۇ، شۇنداقلا زىيادە قورقۇپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ، ئىلمىي ئۇسۇلدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تىزگىنلەپ، ئۆزىنىڭ ساغلاملىقىغا مەسئۇل بولسىلابولىدۇ.

ئالدى بىلەن، ياشانغانلار قانۇنىيەتلىك، ساغلام بولغان تۇرمۇش ۋە دەم ئېلىش ئادىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يېمەك ئىچمەكنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا بەدەن چېنىقتۇرۇشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شەخسىي قوغدىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ماسكىنى توغرا تاقىشى، قولنى پات-پات يۇيۇپ تۇرۇشى، ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشى كېرەك. سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان ياشانغانلار دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، ۋاقتىدا، قانۇنىيەتلىك ھالدا، ئۆلچەملىك مىقداردا دورا يەپ، مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك ئالدىنى ئېلىپ داۋالاشنى ياخشى ئىشلىشى، بىئاراملىق ھېس قىلغاندا دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈشى كېرەك.

ئۇنىڭدىن باشقا، ياشانغانلار ئۆزىنىڭ تۇرمۇش مەزمۇنىنى سەرخىللەشتۈرۈپ، دىققىتىنى يۆتكىشى كېرەك. ياشانغانلار ئائىلىدە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى مۇۋاپىق ئېلىپ بارسا بولىدۇ، مەسىلەن، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئويۇن ئويناش، ھەرىكەت ئىشلەش، بالىلار بىلەن كۆپ پىكىرلىشىش، تېلېفون، تور ئارقىلىق قەدىناس دوستلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش قاتارلىقلار. بۇنىڭدىن باشقا ياشانغانلار يەنە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلىش مىقدارىنى تىزگىنلەپ، تورغا چىقىپ يۇقۇم ئەھۋالى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى كۆپ كۆرمەسلىكى كېرەك،خەۋەرلەرنىڭ پىسخىكىسىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويۇشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

بەزى ياشانغانلار بالىلىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش 1-سېپىدا ئىشلەۋاتقانلىقىدىن ئەنسىرەيدۇ، تىت-تىت بولىدۇ، بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا مەلىكەم بەك توغرا چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ھەمدە كەسپىي جەھەتتىن كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى، بالىلار خىزمەت قىلىشتىن بۇرۇن، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇستىن مۇداپىئەلىنىش بويىچە تەربىيەلىنىدۇ، بەلگىلىك كەسپىي ساۋاتقا ئىگە، ئۆزلىرىنى ياخشى قوغدىيالايدۇ. «ياشانغان دوستلار شۇنىڭغا ئىشىنىڭلاركى، بالىلىرىڭلار ۋە تەشكىل يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى چوقۇم ياخشى ئىشلەيدۇ».

ئاخىرىدا، مەلىكەم ياشلارغا ئەگەر ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە تۇرسا، ئۇلارغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ كەيپىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈش، كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ، دائىم پاراڭلىشىپ تۇرۇش تەكلىپىنى بەردى. ئەگەر بالىلار ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە تۇرمىسا، دائىم ئاتا-ئانىسىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇلارغا ئاكتىپ، ساغلام تەرەپنى نامايان قىلىشنىئېيتتى.