11 خىل ئادەت چوڭ مېڭىنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرىدىكەن

日期:2020年01月23日
来源:天山网
【字体:

ياش، ئوتتۇرا ياش ۋاقىتتا قايسى خىل ساغلاملىق ئادەتلىرىنى يېتىلدۈرگەندە، ياشانغاندىن كېيىنچوڭ مېڭىنىڭ ئىقتىدارىغا پايدىلىق بولىدۇ؟

ئويۇن ئويناش. چوڭ مېڭىنىڭ ئالدىنقى ياپراقچىسىبىر تەرەپ قىلىش ۋەئىجرا قىلىشقا مەسئۇل بولۇپ،شاھمات ئويناش ۋە قارتا ئويناش ئارقىلىقچوڭ مېڭىنىڭ بۇ رايونىنىچېنىقتۇرغىلى بولىدىكەن.ئامېرىكا ۋېسكاڭشىڭ داشۆسىنىڭ تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، دائىم رەسىم قوراشتۇرۇش ئويۇنى ئوينايدىغانۋە شاھمات ئوينايدىغان ياشانغانلارنىڭ چوڭ مىڭىسىنىڭ بىلىش ئىقتىدارىغا مەسئۇل رايونىنىڭ سىغىمى بۇنداق ئويۇنلارنى ئوينىمايدىغان ئوخشاش ياشتىكىلەردىن چوڭ بولىدىكەن.

خىيال سۈرۈش. ھەر كۈنى 12 مىنۇت چوڭقۇر خىيال سۈرسە،چوڭ مېڭىنىڭ قان ئېقىم مىقدارىئېشىپ، ھۈجەيرىلەرنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرگىلى بولىدىكەن.

يۈرەكنى ئاسراش. ئامېرىكا مەيئامى داشۆسىنىڭ تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، يۈرەكنى قانچە ئاسرىسا، تونۇش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشى شۇنچە ئازىيىدىكەن. ساغلام يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسى چوڭ مېڭىگە تېخىمۇ كۆپ ئوزۇقلۇق يەتكۈزۈپ بېرىدىكەن.

ئوكسىگېنلىق چېنىقىش. ئوكسىگېنلىق چېنىقىش چوڭ مېڭىنىڭ ساغلاملىقىغا ئەڭ پايدىلىق ئىكەن. ئامېرىكا ۋېكېسېنلىن داشۆسى تىببىي شۆيۈەنىنىڭ تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، ئوكسىگىنلىق ھەرىكەتكە قاتناشقان ياشانغانلارنىڭ چوڭ مېڭە سىغىمى ئادەتتىكى چېنىقىش ھەرىكەتلىرىنى قىلىدىغانلارنىڭكىدىن چوڭ بولىدىكەن.

دائىم چوڭقۇر ئويلىنىش. چوڭ مېڭە نېرۋىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇلىنىشقا تاينىپ ئاندىن خىزمەت قىلالايدىكەن،ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ بۇ ئۇلانمىلىرى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بولىدىكەن. تەنقىدىي تەپەككۈر ئانالىزى(مەسىلەن: كىتاب ئوقۇش كۇلۇبىغا قاتنىشىش ۋە كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى يېزىش) ئارقىلىق نېرۋىلارئارىسىدىكى ئۇلانمىنى كۈچەيتكىلى بولىدىكەن.

مۇزىكا ئاڭلاش. مۇزىكا ئاڭلاش ياكى مۇزىكا چېلىش ھەرىكەت پوستىلاق قەۋىتى، ئاڭلاش سېزىمى پوستىلاق قەۋىتى، ھېسسىيات مەركىزى ۋە يانداش سىستېمىلارنى غىدىقلايدىكەن.

رەسىم سىزىشنى ئۆگىنىش.ئادەتتىكىدەك رەسىم بوياشتىمۇ بوشلۇقنى ئىنچىكە ھېسابلاشقا توغرا كېلىدۇ، دىققەتنى ئىنچىكە نۇقتىلارغا يىغىش ئارقىلىقمۇ ياشانغانلارنىڭ تونۇش ئىقتىدارىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.

ياخشى ئۇخلاش. دائىم ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن.ئۇيقۇ ھالىتىدە تۇرغاندا، چوڭ مېڭە بېسىم پەيدا قىلغان بىر قىسىم زەھەرلىك ماددىلارنىتازىلايدىكەن.

ياخشى روھىي ھالەتنى ساقلاش. ھەممە ئىشنىڭئاكتىپ تەرىپىنى كۆرۈش كېرەك ئىكەن، چۈنكى بېسىم ۋە سېزىمچان ھورمونياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ،ياخشى روھىي ھالەتنى ساقلاش ئىنتايىن مۇھىم.

يېڭى دوستلار بىلەن تونۇشۇش، كونا دوستلارنى ساقلاپ قېلىش. ئىجتىمائىي ئالاقە پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىش، دوستلۇقنى ساقلاش بىلىش ئىقتىدارىچېكىنىشنىڭئالدىنى ئالىدىكەن. ئىجتىمائىي ئالاقە ئادەم بەدىنىنىڭ بىر قىسىم ئەڭ مۇرەككەپ تونۇش ئىقتىدارىنى ھەرىكەتلەندۈرىدىكەن.

ئۇسسۇل ئويناش. ئۇسسۇل ئويناش ھەرىكەت بىلەن مۇزىكىنى بىرلەشتۈرىدىغان ئەڭ ياخشى ئۇسۇل بولۇپ، ياشانغانلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنى جانلاندۇرىدىكەن.