دائىم چاي ئىچىپ بەرسە، يۈرەك، مېڭە كېسىلى خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن

日期:2020年01月23日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى فۇۋەي دوختۇرخانىسى گۇ دۇڭفېڭ ئاكادېمىكلار كوللېكتىپى «ياۋرۇپا يۈرەك كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىلمى ژورنىلى»دا ئېلان قىلغان تەتقىقات ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، دائىم چاي ئىچىش ئارقىلىق يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇش، شۇنداقلا شۇ سەۋەبتىن ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن،بولۇپمۇ ئۇزاق مۇددەت چاي ئىچىش ئادىتى بار كىشىلەر،چاي ئىچىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئەرلەر ۋەدائىم يېشىل چاي ئىچىدىغانلاردا چاي ئىچىشنىڭئۈنۈمى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدىكەن.

ئاكادېمىك گۇ دۇڭفېڭنىڭ كوللېكتىپى 100 مىڭدىن ئارتۇق تەتقىقات ئوبيېكتىنى تەھلىل قىلغاندىن كېيىن، چاي ئىچمەيدىغانلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، دائىم چاي ئىچىدىغانلارنىڭ يۈرەك، مېڭە كېسىلى قوزغىلىپ قېلىش، ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىنىڭ ئايرىم- ئايرىم ھالدا %20، %15 تۆۋەنلەيدىغانلىقىنىبايقىغان.

بۇ تەتقىقاتتا يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا 14مىڭ 81 تەتقىقات ئوبيېكتىنىنىڭ چاي ئىچىش ئادىتىنى 8.2 يىلدىن كېيىنتەكشۈرگەن ئۇچۇرنى تەھلىل قىلىپ، چاي ئىچمەيدىغانلارغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇزۇن مۇددەت چاي ئىچكۈچىلەرنىڭ يۈرەك، مېڭە كېسىلى قوزغىلىش، ھەم شۇ كېسەللىك بىلەن ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىنىڭ كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەنلىكىنى بايقىغان.

تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يېشىل چاي ئىچىشكە ئادەتلەنگەنلەرنىڭ يۈرەك، مېڭە كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن، دائىم قىزىل چاي ئىچىشنىڭ كۆرۈنەرلىك قوغداش رولى بايقالمىغان، بۇنىڭدىن باشقا، چاي ئىچىشنىڭ قوغداش رولى ئەرلەر ئارىسىدا تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدىغانلىقىبايقالغان.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، چاي ئىچىش سالامەتلىككە پايدىلىق بولۇپ، بۇ چاي تەركىبىدىكى پولىفېنولنىڭ مول بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ھەر خىل چايلار ئىچىدە يېشىل چاينىڭ پولىفېنول مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، چاي تەركىبىدىكى پولىفېنولنىڭ بەدەندىكى مېتابولىزمى تېز بولۇپ، ئۇزاقمۇددەت ساقلىنىپ قالمايدىكەن، شۇڭا چاي ئىچىش ئادىتىنى ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشتۇرۇشنىڭ پايدىسى كۆپ ئىكەن.