ئەنجۈرنىڭ ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇش، ئۈچەينى تازىلاش، ئىششىق ۋە زەھەرنى ياندۇرۇش رولى بار

日期:2020年01月09日
来源:天山网
【字体:

يۇتقۇنچاقنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئۈچەينى تازىلاش ئۈنۈمى

نۇرغۇن كىشىلەر ئەنجۈرنىڭ چېچىكى يوق، دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ بىر ئۇقۇشماسلىق، بۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ چېچىكى كىچىك بولغاچقا، گۈل تەگلىكى ئىچىگە يوشۇرۇنغان بولىدۇ، ئەنجۈر دورىلىق يېمەكلىكتىنمۇ ئەلا جۇڭيى دورىسى ئۆسۈملۈكى ھېسابلىنىدۇ.

«زەھەرنى ھەيدەپ، ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش»كە ئەھمىيەت بېرىدىغان ئاياللارنىڭ ھەممىسى ئەنجۈر يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. چۈنكى، ئەنجۈرنىڭ ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇپ، ئۈچەينى تازىلاش رولى بار. لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر ئەنجۈرنىڭ بۇنىڭدىن باشقىمۇ ئۈنۈمى بارلىقىنى بىلمەيدۇ.

ئەنجۈرنىڭ ئۈچەينى تازىلاپ، گېموروي كېسىلىنى داۋالاش ئۈنۈمىنىڭمۇ ئاساسى بار. نەنجىڭ شەھەرلىك جۇڭيى-غەرب تېبابىتى بىرلەشمەدوختۇرخانىسى مەقئەت-ئۈچەي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرى ۋاڭ يۈەنجاۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: قەدىمدە ئەنجۈردىن پايدىلىنىپ قوشۇمچە داۋالاش ۋە گېموروي كېسىلىنى داۋالاش توغرىسىدا خاتىرە قالدۇرۇلغان. «دورا ئۆسۈملۈكلىرى قامۇسى»دائەنجۈر گېموروي ۋە گال ئاغرىقنى داۋالايدۇ، دەپ خاتىرىلەنگەن. لېكىن، ئەنجۈرنىڭ ئۈنۈمىنى بەك مۇبالىغە قىلىۋېتىشىكە بولمايدۇ، ئوپېراتسىيە قىلىشقا توغرا كېلىدىغان گېموروي بىمارلىرى ئەنجۈر يېيىشكە تايىنىپ داۋالانسا بولمايدۇ، يېمەكلىك بىلەن داۋالاپ ۋاقتنىكېچىكتۈرۈشكە تېخىمۇ بولمايدۇ.

بەزى ئەل ئىچى رېتسىپلىرىدا ئەنجۈردىن پايدىلىنىپ كېكىردەك كېسەللىكلىرى داۋالىنىدۇ، مەسىلەن، يېڭى ئەنجۈرگە ياكى قۇرۇق مېۋىسىگە مۇۋاپىق مىقداردا ناۋات سېلىپ، سۇدا دۈملەپ، ئۆپكە ئىسسىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان يۇتقۇنچاق قۇرۇش، ئاۋازى پۈتۈش قاتارلىقلارنى ئۈنۈملۈك داۋالاشقا بولىدۇ.

ئەنجۈرنىڭ يوپۇرمىقىمۇ بىر خىل جۇڭيى دورىسى بولۇپ، سۇدا قاينىتىپ يۇيغاندىن كېيىنبوۋاسىر ئىششىقىنى داۋالاشقا بولىدۇ.