يۈگۈرگەندىن كېيىن دەرھال ئولتۇرماڭ

日期:2020年01月14日
来源:天山网
【字体:

يۈگۈرۈش بەدەنگە ئىنتايىن پايدىلىقئوكسىگېنلىق ھەرىكەت بولسىمۇ، لېكىن بىر قىسىم كىشىلەر دائىم يۈگۈرگەندىن كېيىندەرھال ئولتۇرۇپ ئارام ئالىدۇ. بۇنداق قىلىشخاتا بولۇپ، سالامەتلىككە بەلگىلىك زىيان يەتكۈزۈشىمۇ مۇمكىن.

بېيجىڭ تەنتەربىيە داشۆسى تەنتەربىيە ۋە بەدەن ساغلاملىقى مائارىپ مىنىستىرلىقىنۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىنىڭ پىروفېسسورى جاڭ يىمىن مۇنداق دېدى: ئادەم يۈگۈرگەندەئېغىرلىق كۈچى سەۋەبىدىن تۆۋەنكى مۈچىگە قان تولىدۇ، تۆۋەنكى مۈچە قاننى يۈرەككە ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بېرىشتەئاساسلىقى تۆۋەنكى مۈچە مۇسكۇل توپىنىڭ قىسقىرىشى ۋە كېڭىيىشىگە تايىنىپ، قان تومۇرنى سىقىپ، قاننى يۈرەككە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. ئەگەر يۈگۈرگەندىن كېيىن دەرھال ئولتۇرۇپ ئارام ئالسا، تۆۋەنكى مۈچە مۇسكۇللىرى بوشىشىپ، سىقىش رولىنى يوقىتىدۇ، قانتۆۋەنكى مۈچىگە توپلىنىۋېلىپ، مېڭىگە ۋاقتىنچە قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، چىرايىتاتىرىش، كالپۇكى كۆكىرىپ كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېغىر بولغاندا ھەتتا ھوشىدىن كېتىدۇ، بۇ مېدىتسىنادا «ئېغىرلىق كۈچىدىن بولغان شوك» دەپ ئاتىلىدۇ.

قىسقىسى، يۈگۈرگەندىن كېيىن «ئېغىرلىق كۈچىدىن بولغان شوك» قاتارلىق ناچار ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بەدەندىكى كېسلاتالىق ھاسىلاتنى چىقىرىۋېتىشنى تېزلىتىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى ئىشلارغا دىققەت قىلىش كېرەك: تېز يۈگۈرۈپ مەشىق قىلغۇچىلاريۈگۈرۈش ئاياغلاشقاندا يۈگۈرۈش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ،ئاستا يۈگۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەركىن ھەرىكەت قىلىشى ھەمدە چوڭقۇر نەپەس ئېلىشى كېرەك. مەيلى تېز يۈگۈرگەنياكى ئاستا يۈگۈرگەندە، يۈگۈرۈپ بولغاندىن كېيىن پەي سوزۇشى كېرەك. مەسىلەن، پۇتنى سوزۇش: پۇتنى ئارقىغا ئېگىپ، پۇتنىڭ ئاستىنى يۇقىرىغا قارىتىپ، قول بىلەن پۇتنىڭ ئوشۇقىنى تۇتۇپ، ساغرا تەرەپكە يېقىنلاشتۇرۇپ، پۇتنىڭ ئالدى تەرىپى پەي سوزۇلغانلىقىنى ھېس قىلىش؛ پاقالچاقنى سوزۇش: پۇتنىڭ ئالقىنىنى ياردەمچىجىسىمغا قويۇپ، ياردەمچى جىسىمنى تايىنىش نۇقتىسى قىلىپ، پۇتنىڭ ئۇچىنى ئىمكانقەدەر يۇقىرىغا قارىتىشى، تاپاننى يەرگە قارىتىشى، بەدەننى سەل ئالدىغا قىيسايتىپ، پاقالچاقپېيىنىڭ سوزۇلغانلىقىنى ھېس قىلىش كېرەك. سوزۇش ھەرىكىتىنى ئاز دېگەندە ئىككى گۇرۇپپا، ھەر بىر گۇرۇپپىداتەخمىنەن 20 سېكۇنت ئىشلىشى كېرەك.