بالىڭىزنىڭ دىققىتىنى يىغىش ئىقتىدارىنى مۇنداق يېتىلدۈرۈڭ

日期:2020年01月08日
来源:天山网
【字体:

بالىڭىزنىڭ دىققىتىنى يىغىش ئىقتىدارىنى مۇنداق يېتىلدۈرۈڭ

ھەر قېتىم بالا تاپشۇرۇق ئىشلىگەندە سۆرەلمىلىك ياكىئۇششاق ھەرىكەت قىلىپ، دىققىتىنى يىغالمىسائاچچىقىمىزنى باسالماي تېرىكىپلا قالىمىز، توردا ئاتا – ئانىلارنىڭ باللىرىنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە قادىلىپ ئولتۇرغان، ھەر كۈنى كەچلەپ بالىلىرىغا تاپشۇرۇق ئىشلىتىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى ناھايىتى كۆپ، بۇ خۇددى بىر ئىس-تۈتەكسىز جەڭ مەيدانىغا ئوخشايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بىز قانچە ئاچچىقلانغانسىرى، بالىنىڭ دىققتىنى يىغىشى شۇنچە تەس بولىدۇ. تۆۋەندە بىز بالىنىڭ دىققىتىنى يىغىش ئىقتىدارىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار توغرىسىدا پىكىرلىشىپ باقايلى، شۇنداقلا ئاتا- ئانىلارنىڭ بالىنىڭ دىققىتىنى يىغىش ئىقتىدارىنى قانداق ۋەيران قىلىدىغانلىقىغىمۇ دىققىتىمىزنى ئاغدۇرۇپ باقايلى.

بالىلارنىڭ ھەر بىر ئۆسۈپ يېتىلىش باسىقۇچىدىكى دىققىتىنى يىغىش ئىقتىدارى قانچىلىك داۋاملىشىدۇ؟ بەزى ئاتا – ئانىلار بىر ياشلىق بالىسىنى بىر ئىشنى پەقەت بىردەملا داۋاملاشتۇرىدۇ، ئەجىبا بالامنىڭدىققىتىنى يىغىش ئىقتىدارى ناچارمۇ، دەپ سورايدۇ. ھەر بىر باسقۇچتا بالىلارنىڭ بەلگىلىك دىققتىنى يىغىش ئىقتىدارى بولىدۇ. ئۇنى ياخشى يېتىلدۈرگەندە، بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ ئۇزىراپ ماڭىدۇ؛ ئەكسىچە بولغاندا ئۇنداق بولمايدۇ. مېنىڭچە، بىر ياشلىق بالىنىڭ دىققىتىنى ئۇزاق يىغامماسلىقى نورمال ئەھۋال، ئاتا– ئانىلارنىڭ ئارتۇق غەم قىلىشى ھاجەتسىز.

نۇرغۇن ئاتا – ئانىلار بالىسى يەسلىگە ياكى باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەندە ئاندىن بالىنىڭ دىققىتىنى يىغىش ئىقتىدارىغا دىققەت قىلىشقا باشلاپ، بالىسىنى جىم تۇرالماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولدىمىكىن، دەپ گۇمانلىنىدۇ. تۆۋەندىكى ئۆلچەمگە سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ، بالىڭىزنىڭ دىققىتىنى يىغىش ئىقتىدارى ئۆلچەمگە توشامدىكەن؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار باسقۇچى(28 كۈن ئىچىدىكى بوۋاقلار)دا مەقسەتسىز دىققەت قىلىش بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا سىرتقى دۇنيادىكى شەيئىلەرنىڭ غىدىقلىشى ئۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇبوۋاقنىڭ شەيئىلەرنىڭ ھەرىكىتىگە ئەگىشىشش، ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

بىر ياشلىق بالىلارنىڭ دىققىتىنى يىغىش ئىقتىدارى تەخمىنەن 2 – 3 مىنۇتقىچە بولىدۇ.

2 – 3 ياشلىق بالىلارنىڭ دىققىتىنى يىغىش ئىقتىدارى تەخمىنەن 5-8 مىنۇتقىچە بولىدۇ.

3 – 4 ياشلىق بالىلارنىڭ دىققىتىنى يىغىش ئىقتىدارى تەخمىنەن 8 – 10 مىنۇتقىچە بولىدۇ.

4-5 ياشلىق بالىلارنىڭ دىققىتىنى يىغىش ئىقتىدارى تەخمىنەن 10 – 20 مىنۇتقىچە بولىدۇ.

تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئاتا–ئانىلارئويلىشىپ بېقىشىغائەرزىيدۇ، سىزدىمۇ بالىڭىزنىڭ دىققىتىنى يىغىش ئىقتىدارىغا توسقۇنلۇق قىلىش ھەرىكىتى بولغانمۇ؟

بىرىنچى خىل قىلىق: بالا بىر ئويۇنچۇقنى ئويناۋاتقاندا ئۇنىڭغا ئۆزىڭىز تېخىمۇ قىزىقارلىق دەپ قارىغان ياكى يېڭى سېتىۋالغان ئويۇنچۇقنى زورلاپ تۇتقۇزۇپ قويۇش؛

ئىككىنچى خىل قىلىق: مېۋە يەيدىغان ياكى ئىمىدىغان، قوشۇمچە يېمەكلىك يەيدىغان ۋاقىتتا بىۋاسىتە بالىغا يىگۈزۈش، ئەزەلدىن بالىنىڭ نېمىگە دىققەت قىلىۋاتقىنىنى كۆزەتمەسلىك.

ئۈچىنچى خىل قىلىق: بالا ئويۇنچۇق ئويناۋاتقاندا، بالىنى ئۆزىگە قاراتقۇزۇپ گەپ قىلىش، كىتاب ئوقۇپ بېرىش؛

تۆتىنچى خىل قىلىق: بالا يېتىپ قولىنى ئويناۋاتقاندا ياكى قولىنى شوراۋاتقاندا، تۇيۇقسىز ئۇنى ئېلىپ كۈچلۈك ھەرىكەت قىلىش.

بالىغا ئويۇنچۇق ئويناشنى ئۆگىتىش،قوشۇمچە يېمەكلىك بېرىش، ھىكايە كىتاب ئوقۇپ بېرىش، ئۇلارنى ھەرىكەت قىلدۇرۇپ چېنىقتۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىبالىغا ھەمراھ بولۇشنىڭ ناھايىتى ياخشى ئۇسۇلى، بۇنى ئالقىشلاشقائەرزىيدۇ، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئاتا – ئانىلارنىڭ بالا تەربىيەلەشكە ئائىت نۇرغۇن بىلىملەرنى ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

بالا جىمجىت ئولتۇرۇپ ئويۇنچۇق ئويناۋېتىپ بېشىنى كۆتۈرۈپ سىزنىڭ ماختىشىڭىزنى كۈتكەندە ئىككىلەنمەستىن ئۇنى ماختاڭ. ئۇ قولىدىكى يېمەكلىكنى بىردەم ئويناپ ئاندىن قولىنى سوزۇپ سىزگە يېگۈزمەكچى بولغاندا ئۇنىڭغا كۈلۈپ تۇرۇپ «رەھمەت» دەڭ. ئەگەر ئۇ قولىدىكى ئويۇنچۇقنى بىر يەرگە تاشلاپ قويغاندا ياكى يېمەكلىكنى تاشلىغاندا، سىز ئاندىن ئۆزىڭىز ئويناتماقچى بولغان ئويۇنچۇقنى ياكى ئويۇننى ئويناتسىڭىزبولىدۇ.

يۇقىرى سۈپەتلىك ئۇيقۇغا كاپالەتلىك قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. بالىنى ياخشى ئارام ئالدۇرغاندىلا دىققىتىنى تېخىمۇ ئۇزاق يىغالايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بالىنى ئاڭلىق ھالدا مەشىق قىلدۇرۇش، بىر قېتىمدا بىرلا ئىشنى قىلىش كېرەك. ئاتا – ئانىلار يەنە ئۆزلىرى ئۈلگە بولۇشىكېرەك.