ئۆيدە گۈل بېقىپ ھاۋا ساپلاشتۇرغاندىن دېرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرغان ياخشى

日期:2020年01月02日
来源:天山网
【字体:

ئامېرىكا درېسسېلداشۆسىنىڭ بىناكارلىق-قۇرۇلۇششۆيۈەنى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، گەرچە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئائىلە ۋە ئىشخانىنى گۈزەللەشتۈرۈشكە پايدىسى بولسىمۇ، بىراق ئۆي ئىچىنىڭ ھاۋا سۈپىتىنى ياخشىلاشقا ئاساسەن پايدىسى يوق ئىكەن، تەبىئىيھاۋا ئالماشتۇرۇشنىڭ ھاۋانى ساپلاشتۇرۇش جەھەتتىكى ئۈنۈمى تەشتەكلىك ئۆسۈملۈكلەر ئارقىلىق ساپلاشتۇرغاندىن كۆپياخشى ئىكەن.

تەتقىقاتچىلار «پاكىز ھاۋا يەتكۈزۈش نىسبىتى» ناملىق ئۇسۇلنى قوللىنىپ سىنىغاندىن كېيىن، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆي ئىچىدە پارلىنىشچان ئورگانىك بىرىكمىلەرنى تارقىتىش سۈرئىتى ئۆلچەملىك ھاۋا ئالماشتۇرۇشتىن بىر نەچچە سانلىق دەرىجە ئاستا بولىدىغىنىنى بايقىغان. بۇ، ئۆي ئىچى ھاۋا سۈپىتىنى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلاشتا ئۆسۈملۈكنىڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. ھېسابلاش نەتىجىسىگەئاساسلانغاندا، ھەر كىۋادرات مېتىردا 10 تەشتەكتىن ئارتۇق ئۆسۈملۈك بولغاندا، ئاندىن بىنانىڭ ھاۋا ئالماشتۇرۇش سىستېمىسىنىڭ ساپلاشتۇرۇش ئىقتىدارى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولىدىكەن. شۇڭلاشقا، بىرمۇنچە جاپا تارتىپ ئۇنچە جىق ئۆسۈملۈك باققاندىن دېرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرغان ياخشى ئىكەن.