يۈزىدە قورۇقلار كۆپ چۈشكەن بولسا، سۆڭەك سۇنۇشنىڭ خەۋپى يۇقىرى بولىدۇ

日期:2018年12月20日
来源:人民网
【字体:

«قورۇق چۈشۈش» تاشقى قىياپىتىگە ئېتىبار بېرىدىغان ھەر بىر ئايالنىڭ كەيپىنى ئۇچۇرۇپ، كىشىلەرگە ئادەتتە قېرىلىق يەتكەنلىك ۋە سەتلىشىپ كەتكەنلىك تۇيغۇسىنى بېرىدۇ. بىراق، قورۇقنىڭ كۆپ ۋە ئاز بولۇشى، بۇ پەقەت تاشقى قىياپەتكىلا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىش بولماستىن، ئۇ بەلكىم يەنە سۆڭەك ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

ئامېرىكا يالې ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي ئىنستىتۇتىنىڭ تۇغۇت ۋە كۆپىيىش مېدىتسىنا كوللېكتىپى ئۆزلىرىنىڭ بىر يۈرۈش تەتقىقاتلىرى ئارقىلىق بايقىشىچە، ھەيز كېسىلىش باسقۇچىدىكى ئاياللارنىڭ يۈزىدىكى قورۇقلارنىڭ كۆپ ياكى ئاز بولۇشى، تارقىلىشى ۋە تېرىسىنىڭ ئومۇمىي سۈپىتى، مەلۇم دەرىجىدە ئۇلارنىڭ سۆڭەك زىچلىقى ۋە سۆڭەك سۇنۇشنىڭ خەۋپ-خەتىرى قاتارلىقلارنى ئاشكارىلايدىكەن. تەتقىق قىلىش جەريانىدا، مەزكۇر تەتقىقات كوللېكتىپى تەتقىقات ئوبيېكتى قىلغان 114 نەپەر ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللارنىڭ يۈز قىسىمى ۋە بويۇن قىسمىدىكى قورۇق چۈشۈشنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسى، شۇنىڭدەك پېشانە ۋە مەڭز تېرىسىنىڭ زىچلىقى قاتارلىقلارنى سېلىشتۇرۇپ چىققان، ھەمدە سۆڭەك سۈپىتى ۋە زىچلىقىنى ئۆلچەپ چىققان. نەتىجىدە شۇنى بايقىغانكى، قورۇق كۆپ چۈشكەن ۋە چوڭقۇر چۈشكەن ئاياللارنىڭ سۆڭەك زىچلىقى تۆۋەن بولىدىكەن؛ قورۇق ئاز چۈشكەن ئاياللارنىڭ سۆڭەك زىچلىقى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدىكەن.

تەتقىقات خادىملىرىنىڭ قارىشىچە، تېرە ۋە سۆڭەكلەرنىڭ تەركىبىدە كوللاگېن ئاقسىلى بولىدىغان بولغاچقا، ئەگەر تېرىگە قورۇق كۆپ ھەم چوڭقۇر چۈشكەن بولسا، بۇ، تېرىدە كوللاگېن ئاقسىلىنىڭ كەمچىل بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن، سۆڭەكمۇ شۇنداق بولىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن، سۆڭەكنىڭ زىچلىقى تۆۋەن، سۇنۇش خەۋپىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن. بۇ بايقاش ئەمەلىيەتتە دوختۇرلارنى سۆڭەك سۇنۇشنىڭ خەۋپ-خەتىرىنىڭ دەسلەپكى ھۆكۈمى بىلەن تەمىنلەيدۇ.