سېرىق پۇرچاق كۈنجۈت ئۇمىچى قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىدۇ

日期:2019年11月11日
来源:天山网
【字体:

قاندىكى ماي مىقدارى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە، ئادەم بەدىنىنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بەزى كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مەسىلەن: ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشىش، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، ئاشقازان ئاستى بېزى قاتارلىقلارنى بىۋاسىتە كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تۆۋەندە بىز كۆپچىلىككە قاندىكى ماينى چۈشۈرىدىغان ئەپچىل ئۇسۇلنى تونۇشتۇرىمىز:

تەييارلاش ئۇسۇلى: سېرىق پۇرچاقتىن 100 گىرام، قارا كۈنجۈتتىن 20 گىرام، سېرىق پۇرچاقنى يېرىم كۈن سۇغا چىلايمىز، قارا كۈنجۈتنى قورۇپ تالقان قىلىۋالىمىز؛ ئاۋۋال سېرىق پۇرچاقتىن ئۇماچ قاينىتىمىز، ئاندىن ئۇنىڭغا كۈنجۈت تالقىنى، تۇز سېلىپ تەمىنى تەڭشىسەكلا بولىدۇ. ھەر كۈنى ئەتىگەندە يېسەك بولىدۇ. سېرىق پۇرچاقنىڭ تەمى تاتلىق، تەبىئىيىتى مۆتىدىل بولۇپ، تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ، قۇرغاقلىقنى پەسەيتىدۇ. «كۈندىلىك دورا ئۆسۈملۈكلىرى» دە، سېرىق پۇرچاقنىڭ «يەل ھەيدەش، چوڭ ئۈچەينى راۋانلاشتۇرۇش، سۇلۇق ئىششىقنى ياندۇرۇش، ئىششىقنى داۋالاش» رولى بار دەپخاتىرىلەنگەن. ھازىرقى زامان تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، سېرىق پۇرچاقنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئاقسىل ۋە ياغ بولۇپ، كۆپ خىل ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلار بار يېمەكلىك ھېسابلىنىدىكەن. «شېننۇڭ دورا ئۆسۈملۈكلىرى دەستۇرى »دە، كۈنجۈت «بەش ئەزانى قۇۋۋەتلەش، قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇش، مۇسكۇل چىقىرىش، يىلىك تولۇقلاش ئۈنۈمى بار بولۇپ، ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلغاندا قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ» دەپ خاتىرىلەنگەن. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، كۈنجۈت قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىدىكەن، ئۇنىڭدىكى لىنولېئىك كىسلاتا قاندىكى قەنت مىقدارىنى تۆۋەنلىتىپ، تاجىسىمان ئارتېرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدىكەن.