بالىلار يۇمشاق لاي ئوينىغاندا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

日期:2019年10月09日
来源:天山网
【字体:

يۇمشاق لاي ئويۇنى قىزىقارلىق بولۇپ، بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىش كۈچى بىلەن قول سېلىپ ئىشلەش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرىدۇ. بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يۇمشاق لاي ئوينىغاندا مۇنۇلارغا دىققەت قىلىش كېرەك:

داڭلىق ماركىلىقنى سېتىۋېلىش. سۈپىتى ناچار بولغان يۇمشاق لايغا كۆپىنچە سۈپەتسىز خۇشپۇراقماتېرىياللار قوشۇلغان بولۇپ، بور ئېلېمېنتى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىش نىسبىتى چوڭ، ئاتا-ئانىلار ئىمكانقەدەر داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتنى سېتىۋېلىشى، رەڭگى بەك ئوچۇقنى تاللىماسلىقى كېرەك.

ئويناشتىن بۇرۇن ۋە كېيىن قول يۇيۇش. بالىلار يۇمشاق لاي ئوينىغاندا، قولىدىكى باكتېرىيەلەر لايغا چاپلىشىپ، يۇمشاق لاي ئۈستىدىكى باكتېرىيەلەر بارغانسېرى كۆپىيىپ، تەكرار بۇلغىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا ئويناشتىن ئىلگىرى ۋە كېيىن ئالدى بىلەن قول يۇيۇش كېرەك. ئەگەر ماتېرىيال سۈپىتى زىيادە سەزگۈر بولسا ياكى قولىنى يارىلاندۇرۇشتىن ئەنسىرىسە، پەلەي كىيىپ ئوينىسا بولىدۇ.

يېشى بەك كىچىك بالىلار ئوينىماسلىقى كېرەك. يۇمشاق لاي ئويناشقا ماس كېلىدىغان بالىلار توپى ئىككى ياشتىن يۇقىرى بالىلار، شۇڭا ئىككى ياش ئىچىدىكى بالىلارنى ئاتا - ئانىلار يۇمشاق لاي ئويۇنى ئويناشقا يېتەكلىمەسلىكى كېرەك.

نازارەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش. بالىلار يۇمشاق لاي ئوينىغاندا، ئائىلە باشلىقلىرى ياخشى نازارەت قىلىشى، يېشى كىچىكرەك بالىلارغا پۇرىقى كۈچلۈك يۇمشاق لاينى تاللىماسلىقى، ئۇلارنىڭ يۇمشاق لاينى يەۋېلىشىنى توسۇش كېرەك.

سۈپەت كاپالەت مۇددىتىگە قاراش. سۈپەت كاپالەت مۇددىتى ئۇزۇن بولغان مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالماڭ، بۇ خىل مەھسۇلاتنىڭ يېمەكلىك دەرىجىسى يوق، چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىسىنىڭ مىقدارى بىرقەدەر يۇقىرى، بىخەتەرلىكى تۆۋەن بولىدۇ.

ئاتا - ئانىلار بالىلارغا ئۆيدە يۇمشاق لاي ياساپ بەرسە بولىدۇ. ئۇنغا سۇ ، تۇز، خۇاسىڭ قىيامى ۋە ئۆسۈملۈك مېيى قوشۇپ، يەنە بىر نەچچە تېمىم يېمەكلىك بويىقى ئارىلاشتۇرسا بولىدۇ. ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، يۇمشاق لاي ياساشتىن بۇرۇن، بالىنىڭ بۇغداي ئۇنى، خۇاشىڭ قىيامى قاتارلىق تەركىبلەرگە زىيادە سەزگۈر ياكى ئەمەسلىكىگە قاراش كېرەك . ( مۇخبىر لى شۇاڭ )