بوۋاقلار دۈم يېتىپ ئۇخلىغاندا......

日期:2019年10月08日
来源:天山网
【字体:

  0 ~ 3 ئاي ئىچىدىكىبوۋاقلارنىڭ دۈم يېتىپ ئۇخلاشنى ياخشى كۆرۈشى بىر خىل دەسلەپكى رېفلېكس. ھامىلە ۋاقتىدىكىئۇلارنىڭ بالىياتقۇدىكىباش سۈيى ئىچىدىكى قىياپىتى دۈمبىسىنى سىرتقا قارىتىپ، بەدىنىنى تۈگۈلۈۋالغان بولۇپ، بۇ خىل ئۇخلاش ھالىتى بوۋاقلارنىڭ ئەڭ تەبىئىي ئۆزىنى قوغداش ئۇسۇلى، بۇ ۋاقىتتا ئۇلارئەڭ ئەركىن، شۇنداقلا بىخەتەر تۇيغۇدا بولىدۇ. شۇڭا، چوڭلارغا قارىماققا بوۋاقلار دۈم يېتىپ ئۇخلىسا بىئارام بولىدىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، بوۋاقلار يەنىلا تاتلىق ئۇخلايدۇ، ئاسان ئويغىنىپ كەتمەيدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۈم يېتىپ ئۇخلاش بۇرۇن-يۇتقۇنچاق يولىنىڭ چوڭىيىشىغا پايدىلىق بولۇپ، نەپەستېخىمۇ راۋانلىشىدۇ، يەنە قورساق كۆپۈش سېزىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ، شۇڭا بۇ ۋاقىتتا بوۋاقلار دۈم يېتىپ ئۇخلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. 3 ئايدىن ئاچقاندىن كېيىن بوۋاقلار يەنە دۈم يېتىپ ئۇخلاشنى ياخشى كۆرسە، بۇ ئادەت مەسىلىسى بولۇشى مۇمكىن.

 بوۋاقلارنىڭ دۈم يېتىپ ئۇخلىشى پايدىلىقمۇ ياكى پايدىسىزمۇ؟ بۇ مەسىلىگە پەرقلىق مۇئامىلە قىلىش كېرەك. بىرىنچى، ئۈچ ئاي ئىچىدىكى بوۋاقلار دۈم يېتىپ ئۇخلىسا، ئۇيقا سۈپىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، مېڭىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياندۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئىككىنچى، 3 ~ 7 ئايغىچەبولغان بوۋاقلار دۈم يېتىپ ئۇخلىغاندا بويۇن ۋە دۈمبەمۇسكۇللىرىنى چېنىقتۇرۇپ، يېتىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇنداقلا نەپەسلىنىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ئۈچىنچى، 7 ئايلىقتىن 1 ياشقىچە بولغان بوۋاقلار جانلىق بولۇپ، ئۆرۈلىدۇ، ئۆمۈلەيدۇ، ئولتۇرىدۇ، تۇرالايدۇ، شۇڭا دۈم يېتىپ ئۇخلاش خەۋپى تېخىمۇ كىچىكلەيدۇ، ئەگەر دۈم يېتىپ تېخىمۇ ياخشى ئۇخلىيالىسا، ئاتا-ئانىلارنىڭ زىيادە ئارىلىشىشىنىڭ ھاجىتى يوق.