قان بېسىمىڭىز تۆۋەن بولسا سۇنى كۆپرەك ئىچىڭ

日期:2019年09月24日
来源:天山网
【字体:

جياڭسۇلۇق ئوقۇرمەن لى خانىم سورىدى: قان بېسىم يۇقىرى بولسا، تۇزسىز تاماق يەپ ئادەتلىنىش ئەقەللىي ساۋات، لېكىن مېنىڭ قان بېسىمىم تۆۋەن، شۇڭا يېمەك-ئىچمەكتە نېمىلەرگە دىققەت قىلىشىم كېرەك؟

بېيجىڭ دوستلۇق دوختۇرخانىسى ئوزۇقلۇق بۆلۈمىنىڭ مۇتەخەسسىسى شى جېڭلى جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: تۆۋەن قان بېسىم كېسەللىكىنىڭ سەۋەبى كۆپ خىل، شۇڭا ئاۋۋال دوختۇرخانىغا بېرىپ كېسەلنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈشنى تەۋسيە قىلىمىز. داۋالاش لايىھەسىگە ماسلىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىمارلار ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ، تۆۋەن قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشتىن ساقلىنىشى كېرەك. بىرىنچى، يېتەرلىك سۇ ئىچىشكە كاپالەتلىك قىلىش، ھەر كۈنى 1.5 لېتىردىن 4 لېتىرغىچە سۇ ئىچىشنى نىشان قىلىش؛ ئىككىنچى، مۇۋاپىق مىقداردا ناترىي ۋە كوففېئىننىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى كۆپەيتىش، مەسىلەن:مۇۋاپىق مىقداردا قەھۋە ياكىچاي ئىچىپ بېرىش؛ ئۈچىنچى، ئىسپىرتنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى ئازايتىش ياكى چەكلەش. ئۇنىڭدىن باشقا، قان بېسىمى تۆۋەن كىشىلەر يەنەبىر قېتىمدا كۆپ يەۋېلىشتىن ساقلىنىپ، ئاز مىقداردا كۆپ قېتىم يېيىشكە ئادەتلىنىشى كېرەك، تاماقتىن كېيىن دەرھال ھەرىكەت قىلماسلىق ياكى تۇيۇقسىز تۇرۇپ كەتمەسلىك، ئېغىر ھەرىكەتلەرنى قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.