دائىم چېنىقىپ بەرسە چوڭ مېڭىنىڭ چېكىنىشىنى كېچىكتۈرگىلى بولىدۇ

日期:2019年09月23日
来源:天山网
【字体:

بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھەپتىدە بەدەن چېنىقتۇرۇش، بولۇپمۇ ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت قىلىش ئالتسخېيمېر كېسىلى خەتەرلىك كىشىلەر توپىنىڭچوڭ مېڭىسىنىڭ چېكىنىشىنى كېچىكتۈرۈشكە ياردىمى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

تەتقىقات خادىملىرىيېشى 55تىن ئاشقان، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىدامەسىلە بار 70 كىشىگە بىر تۈرلۈك كىلىنىكىلىق تەجرىبە ئېلىپ بارغان، ئۇلار سىناققا قاتناشقۇچىلارنى ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىغان، بىر گۇرۇپپىدىكىلەرگە ھەپتىدە تۆتقېتىمدىن بەش قېتىمغىچە، ھەر قېتىمدا ئاز دېگەندە يېرىم سائەت ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت قىلدۇرغان، يەنە بىر گۇرۇپپىدىكىلەرگە پەقەت سوزۇش مەشىقى قىلدۇرغان. نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىككى گۇرۇپپىدىكى سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ تەجرىبە مەزگىلىدىكى ئەستە ساقلاش ۋە مەسىلىنى ھەل قىلىش قاتارلىق بىلىش ئىقتىدارى ئاساسەن ئوخشاش بولغان، لېكىن چوڭ مېڭىنى سىكاننېرلاش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت قىلغان گۇرۇپپىنىڭچوڭ مېڭە سەقەنقۇر ھەجىمىنىڭ كىچىكلەش سۈرئىتى تېخىمۇ ئاستا بولغان.

  تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، باشقا تۈردىكى چېنىقىش بىلەن سېلىشتۇرغاندا، چوڭ مېڭىسىدەئامىلوئىد مەۋجۇت بولغان سىناق ئوبيېكتلىرى ئوكسىگېنلىق ھەرىكەتكە تېخىمۇ سەزگۈر ئىكەن. بىراق، ئوكسىگېنلىق ھەرىكەتتە سەقەنقۇر تەنچىسىنىڭ كىچىكلەپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولمىسىمۇ، لېكىن ھەرىكەت ئارقىلىق سۈرئەتنى ئاستىلىتىش يەنىلا ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىكەن.