50 ياشتىن كېيىن، يۈرەك-مېڭە قان تومۇرنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرتۈش كېرەك

日期:2019年09月19日
来源:天山网
【字体:

ئادەم ئوتتۇرا ياشتىن ئاشقاندا، بەدىنىنىڭ ھەر قايسى ئورگانىزملىرى ئاجىزلىشىشقا باشلايدۇ، يۈرەك، مېڭە قان تومۇر تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ. ھازىر نۇرغۇن دوختۇرخانىلار 50 ياشتىن ئاشقانلارغا «يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى تەكشۈرۈش» تۈرىنى تەسىس قىلدى. لېكىن مۇرەككەپ تەكشۈرۈش تۈرلىرىگە قارىتا، نۇرغۇن كىشىلەر قايسىنى تاللاش، قانداق تەكشۈرتۈش كېرەكلىكىنى بىلەلمەي قالىدۇ.

يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكى ۋە مېڭە قان تومۇر كېسەللىكىنىڭئومۇمىي ئاتىلىشى بولۇپ، ئۇ قاندا ياغ كۆپىيىش، ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىش، يۇقىرى قان بېسىم قاتارلىقلار كەلتۈرۈپ چىقارغان قان تومۇر، يۈرەك، مېڭە ۋە پۈتۈن بەدەن توقۇلمىلىرىدا يۈز بەرگەن قان يېتىشمەسلىكتىن بولغان ياكى قاناش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى كۆرسىتىدۇ. سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئارقىلىق يۇقىرىقى كېسەللىكلەرنىڭ دەسلەپكى ئۆزگىرىشىنى بايقىغىلى بولىدۇ، مەسىلەن: قان تومۇر بوتقىسىمان قېتىشىشى، كىچىك كۆلەمدىكى مېڭە قان نوكچىسى كېسەللىكى، كىرىتىك قىممەت داۋالغۇش ئۆزگىرىشىدىكى قان بېسىمى قاتارلىقلار، بىمارلارغا كېسەللىكنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى دەرىجىلىك ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئەسكەرتىش بېرىش ئارقىلىق، كېسەللىكنىڭ ئېغىرلاپ كېتىش ۋە ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

يۈرەك، مېڭە قان تومۇرىنى تەكشۈرتكەندە، تۆۋەندىكى ئۈچ باسقۇچنى تاللىسا بولىدۇ:

بىرىنچى، قان تەكشۈرتۈش.

ئىككىنچى، كېسەللىك مەنبەسىنى تېپىش.

ئۈچىنچى، قاراتمىلىق تەكشۈرتۈش.