ماڭگونىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى بىلىۋېلىڭ

日期:2019年09月18日
来源:天山网
【字体:

ھازىر دەل ماڭگو يەيدىغان ياخشى پەسىل، ئۇنداقتا ماڭگونىڭ قانداق ئوزۇقلۇق قىممىتى بار؟

باشقا مېۋىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ماڭگو تەركىبىدىكى كاروتىننىڭ مىقدارى بىر قەدەر مول بولۇپ، ھەر 100 گىرام ماڭگو تەركىبىدە 897 مىكرو گىرام كاروتىن بولىدۇ. كاروتىن ۋىتامىن Aنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولغان ماددىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بەدەندە ۋىتامىن Aنىڭ رولىنى جارىقىلدۇرىدۇ. كۆرۈش سېزىمى ھۈجەيرىسى ئىچىدىكى نۇرغا سەزگۈر ماددىلارنىڭ تەركىبىنى شەكىللەندۈرىدۇ، ئورگانىزمنىڭ قاراڭغۇلۇققا ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، قاراڭغۇدا كۆرەلمەسلىكنىڭئالدىنى ئالىدۇ؛ ھۈجەيرىلەرنىڭ نورمال ئۆسۈشى ۋە بۆلۈنۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھامىلە غەيرىيلىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؛ ئېپىتېلىيە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداپ، تېرە قۇرغاقلىشىش، تۈك خالتىسىنىڭ كۆپىيىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

كاروتىن بىئولوگىيەلىك ئاكتىپ ماددا، ئۇنىڭ ئوكسىدلىنىشقاۋە ئۆسمىگە قارشى تۇرۇپ، ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېتئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشرولى بار. ھەر 100 گىرام ماڭگو تەركىبىدە 23 مىللىگىرام ۋىتامىن C بولىدۇ، ئۇنىڭدىن سىرت، يەنە ئاز مىقداردا تىئامىن، رىبوفلاۋىن، نىكولىك كىسلاتاسى، ۋىتامىن B ۋە ۋىتامىن E قاتارلىقلار بار.

ماڭگو يۇقىرى كالىيلىق تۆۋەن ناترىيلىق مېۋە، ھەر 100 گىرام ماڭگو تەركىبىدە 138 مىللىگىرام كالىي، 2.8 مىللىگىرام ناترىي بار، يۇقىرى قان بېسىمى، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى قاتارلىق سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارغا ماس كېلىدۇ. ماڭگونىڭ تەركىبىدە سېلېن بىر قەدەر كۆپ، سېلېن ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇپ، يۈرەك قان تومۇر ۋە يۈرەك مۇسكۇلنىڭ ساغلاملىقىنى قوغدايدۇ، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئۆسمىگە قارشى تۇرۇپ، ئۆسۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ماڭگودا ئالاھىدە بىر خىل پۇراق بار، بۇ پۇراق تېرپىنويىدلاردىن كېلىدۇ. تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، تېرپىنويىدلارنىڭ راكقا قارشى تۇرۇش، باكتېرىيەگە قارشى تۇرۇش، ياللۇغقا قارشى تۇرۇش، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش، نېرۋىنى قوغداش، ئاغرىقنى توختىتىش قاتارلىق رولى بار ئىكەن.