تاماقنى دائىم بىر تەرەپتە يېيىش ئاڭلاش ئىقتىدارىغا زىيانلىق

日期:2019年09月17日
来源:天山网
【字体:

بىر نەرسە يېگەندە دائىم بىر تەرەپتىكى چىشتا چايناش يېمەكلىكنى ھەزىم قىلىشقا تەسىر قىلىپلا قالماستىن، ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقى ۋە چىراي شەكلىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. يېقىندا، كورىيە يەنشى داشۆسىنىڭ بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، چايناش ئۇسۇلى يەنە ئادەمنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن، بىر تەرەپتىلا چايناش ئاڭلاش ئىقتىدارىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىكەن.

تەتقىقات گۇرۇپپىسى تەكشۈرۈشكە قاتناشقان 40 ياشتىن 89 ياشقىچە بولغان 1773 كىشىنى تەتقىقات ئوبيېكتى قىلغان. يەككە ئىقتىدار بويىچە چىش بىرلىكىگە ئاساسەن چىشنىڭ چايناش دەرىجىسىنى باھالىغاندىن كېيىن، سىناققا قاتناشقۇچىلار بىر تەرەپتە چايناش خاھىشى تۆۋەن، ئوتتۇرا، يۇقىرى دەپ ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن. ئارقىدىن قانات يايدۇرۇلغان ئاڭلاش ئىقتىدارى زىيىنىنى باغلىنىشلىق تەكشۈرۈشتە بايقىلىشىچە، بىر تەرەپتە چايناش خاھىشى كۈچلۈك بولغان گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى بىر تەرەپتە چايناش خاھىشى تۆۋەن بولغانلاردىن ئېغىر بولۇپ، ئاڭلاش سېزىمى سىنىقىدا روشەن تۆۋەن نومۇرغا ئېرىشكەن.تەتقىقات نەتىجىسى «ياپونىيە تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلىمى ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان.

تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، يۇقىرىقى تەتقىقات يەكۈنىگە ئاساسلانغاندا، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئامال بار پەقەت بىر تەرەپتىلا چايناشتىن ساقلىنىش كېرەك ئىكەن.