بۇ بەش ئورۇننى دائىم تەكشۈرتۈپ تۇرۇش كېرەك

日期:2019年09月17日
来源:天山网
【字体:

ساغلاملىقنى ئاسراش ھەربىر ئىنچىكە ھالقىدا ئىپادىلىنىدۇ، ياشانغانلار ئادەتتە بەدىنىنى كۆزىتىشكە دىققەت قىلىپ، كۈتۈنۈشنى كۈچەيتىپ، كېسەللىكنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. شۇڭا كۆپچىلىككە بەدەننىڭ بەش قىسمىنى كۆپرەك كۆزىتىپ تۇرۇش تەكلىپى بېرىلىدۇ.

ئوشۇق. ئوشۇقتا ئىششىق بولسا، بۇ بەدەندىكى يەل ۋە قاننىڭ كۆرۈنەرلىك زىيانغا ئۇچراپ، قان ئايلىنىش سۈرئىتىنىڭمۇ كۆرۈنەرلىك ئاستىلاپ، جىڭلونىڭ ئېغىر توسۇلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.شۇڭا سوغۇق يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك، قان تولۇقلايدىغان ۋە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ، قان تومۇرلارنىڭ ئايلىنىشىنى تېزلەتكەندىلا، ئاندىن ئىششقنى يىلتىزىدىن يوقاتقىلى بولىدۇ.يەنە دائىم ئۇۋۇلاپ، ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ، ئەمەن بىلەن داغلىغاندا، ئىششىقنى ياندۇرغىلى بولىدۇ.

كۆز. ئەگەر ياشانغانلارنىڭ كۆز ئىچى قىزىرىپ قالسا، قان ئايلىنىشنىڭ راۋان ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. شۇڭا باش، بويۇن، مۈرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، يۇقىرىقى مۈچىنىڭ قان ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇش تەكلىپى بېرىلىدۇ. كۆزنى كۆپ يۇمۇپ بېرىش، كۆزنى ئارام ئالدۇرۇشقا پايدىلىق. ئەگەر كۆز ئېقى سارغىيىپ كەتسە، جىگەر، ئۆتتە مەسىلە كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن؛ كۆز ئەتراپى قارىداپ كەتسە، بېسىم ئېشىپ ياكى زىيادە چارچاشتىن بولغان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا تۈنىمەسلىك كېرەك، ساپ بۇغداي يېمەكلىكلىرىنى كۆپ يەپ بېرىش كۆز ئەتراپى قارىداپ كېتىشنى تۈگۈتۈشتىكى ياخشى ئۇسۇلدۇر.

بويۇن. بويۇن ۋېناسىنىڭ ئوقۇرەك سۆڭىكى بىلەن ئېڭەك ئارىسىدىكى ئارىلىقى2/3دىن ئېشىپ كەتسە ياكى يېرىم تۈز ياتقاندا ۋېنا تومۇرى تومپىيىپ چىقىش دەرىجىسى چوڭراق بولسا، يۈرەك دالانچىسىنىڭ بېسىم ئارتىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ئادەتتە ئۈچ خىل بولىدۇ، بىرىنچى، يۈرەك تۈرىدىكى كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش، مەسىلەن: رېماتىزملىق يۈرەك كېسىلى قاتارلىقلار؛ ئىككىنچى، ئوڭ يۈرەك دالانچىسىنىڭ بېسىمىدا مەسىلە كۆرۈلۈپ، يۈرەكنىڭ قان ئايلىنىشى راۋان بولماي، بۇنىڭ بىلەن ۋېنا تومۇرى كېڭىيىدۇ؛ ئۈچىنچى، يۇقىرىقى بوشلۇق ۋېناسى يىغىندى كېسەللىكىنىڭ ئالامىتى.

كۆكرەك قىسمى. ياشانغان ئاياللار دائىم ئۆزىنىڭ كۆكرەك قىسمىنى كۆزىتىپ تۇرۇشى كېرەك. ئەگەر كۆكرەكنى سىلىغاندا سۈت بېزىدە ئەتراپىدىكىدىن قېلىنراق توقۇلمىلار پەيدا بولۇپ، چەك -چېگرىسى ئېنىق ئەمەس، چوڭ-كىچىكلىكى ئېنىق بولمىسا،كلىنىكىدا ئادەتتە «ئۆسۈكچە» دەپ دىياگنوز قويۇلىدۇ. ئەگەر قېلىن توقۇلمىلار ئۇزاق مۇددەت يوقىمىسا، بۇنىڭغا دىققەت قىلىپ، راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە سۈت بېزى تېرىسىدە ئۆزگىرىش بولغان-بولمىغانلىقىنى، ئەمچەك توپچىسىنىڭ ئىچىگە ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن-كەتمىگەنلىكىنى كۆزىتىش كېرەك، ئەگەر بۇ خىل ئۆزگىرىش بولسا، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك.

قولتۇق ئويمىنى. ئەگەر قولتۇق ئويمىنى، بويۇن ۋە يىرىق ئېرىقلىرىدا تۇتۇق داغ كۆرۈلسە، كۆپىنچە قارا تىكەنلىك تېرە كېسىلى بولىدۇ . بەزى دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىدا قارا تىكەنلىك تېرە پەيدا بولىدۇ، بولۇپمۇ يېشى چوڭراق ياكى سېمىز كىشىلەردە تېخىمۇ ئاسان پەيدا بولىدۇ، ئارقا بويۇن، قولتۇق ئاستى، تىز قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ رەڭگى قارىداپ، يۇيۇپمۇ چىقارغىلى بولمايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئىنسۇلىننىڭ نورمال ئاجىرىلىپ چىقىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر ئۆزىدە دىيابېت كېسىلىنىڭ بار-يوقلۇقى ئېنىق بولماي، ئەمما قارا تىكەنلىك تېرە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، بالدۇرراق دوختۇرخانىغا بېرىپ قەنتكە چىدامچانلىق تەكشۈرۈشى قىلىش تەكلىپى بېرىلىدۇ.