تويغۇچە يەپ-ئىچىشتىن ئاشقازان كېرىلىپ كېتەمدۇ؟

日期:2019年09月09日
来源:天山网
【字体:

ھەر قېتىم «تويغۇچەيەپ-ئېچكەن»دىن كېيىن، كىشىلەر دائىم ئۆزىنى ئىلگىرىكىدىن ئىشتەيلىك بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ، بۇنداق چاغدا كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا «ئاشقازىنىم كېرىلىپ كەتتىمۇ نېمە» دېگەن ئويلاركېلىدۇ. ئۇنداقتا، ئاشقازان راستتىنلاكېرىلىپ كېتەمدۇ؟ تاماقنى ئاز يېگەنگە ئاشقازان راستتىنلا كىچىكلەمدۇ؟

ئاشقازاننىڭ ئەڭ «سېمىز» بۆلىكى ئاشقازان خالتىسى بولۇپ، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئاشقازان خالتىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمايدۇ، لېكىن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان يېرى شۇكى، قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئاشقازان سىغىمى ئوخشاش بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزگەرمەيدۇ.

مەسىلەن: ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئاشقازان سىغىمى 100 مىللىلىتىر بولىدۇ، لېكىن ئادەم تاماق يەپ تويغاندىن كېيىن، ئاشقازان سېغىمى 1200 مىللىلىتىردىن 1600 مىللىلىتىرغىچە كېڭىيىدۇ،بۇ چاغدا ئاشقازان سىغىمىنىڭ قانچىلىك چوڭىيىشىدىن قەتئىينەزەر، ھەزىم قىلىش فۇنكىسىيەسى رولىنى جارى قىلدۇرغاندا، ئاشقازان سىغىمى يەنىلا ئەسلىگە قايتىدۇ.

شۇڭا، بىز تۇرمۇشتا دېيىشىدىغان ئاشقازاننىڭ ئەمەلىيەتتە چوڭ-كىچىكلىكى بولمايدۇ، بىزنىڭ دەۋاتقىنىمىز ئاشقازاننىڭ سىغىمىدۇر. ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن «تويغۇچە يەپ-ئېچكەن»دىن كېيىن،ئىشتىيىمىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىمىز؟

ئەگەر كىشىلەرنىڭ بىر نەچچە ۋاق تاماقنى ئاز يەپ، ئاشقازىنى كېچىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلىشىئەمەلىيەتتە پىسخىكىلىق بىشارەت ۋە ئادەتتىن بولىدۇ. بەزىدە، ھەربىر ۋاق تاماقنىئاز يەپ ئادەتلىنىپ، بۇ خىل ئادەتنى ئىزچىل ساقلىغاندىن كېيىن، ئادەمدە «ئاشقازىنىم كېچىكلەپ كېتىپتۇ، شۇڭا تاماقنى كۆپ يېيەلمەيۋاتىمەن» دەيدىغانخاتا تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ.

ئەمما، ئەگەر كۈندە نۇرغۇن يېمەكلىكنى يەۋېلىپ، ئاشقازان دائىم كېرىلىش ھالىتىدە تۇرسا، ئاشقازاننىڭ كېرىلىش-تارىيىش ئىقتىدارى ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قورساق ئاچقاندائاشقازان دىۋارى ئاسانلا بوشايدۇ، بۇنداق بولغاندا ئاشقازان دىۋارىدا ئوخشاش كېرىلىش كۈچى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولغان يېمەكلىكمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ.

ئەگەر ئاشقازان داۋاملىق كېرىلىش ھالىتىدە تۇرۇۋەرسە، بۇئاشقازاننىڭ كېرىلىش مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى سالامەتلىك، ھەتتا ھاياتقا بولغان خەۋپ ھېسابلىنىدۇ. ئاشقازان توغرا دىئافراگما پەردىسى ھەتتا يۈرەك، ئۆپكىنى بېسىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، قان تومۇر، نېرۋا قاتارلىقلارغىمۇ بېسىم پەيدا قىلىدۇ.

شۇڭا، ئادەتتە يەنىلا يېمەك-ئىچمەك رېتىمىنى كونترول قىلىش كېرەك، دائىم تويغۇچە يەپ-ئىچمەسلىك ياكىئورۇقلىماسلىق كېرەك، چۈنكى بۇ ئاشقازاننىڭ ئۆزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارىغا پايدىسىز.