خىزمەتچىلەرخىزمەت ئۈستىلى ئالدىدا كومپيۇتېرغا قاراپ كۈنلەپ-كۈنلەپ ئولتۇرغاچقا،بويۇن، مۈرە، بىلەك بىئارام بولىدۇ. يېقىندا، ياپونىيە ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى «ساغلاملىق ئىشىكى»دە مۈرىنىڭ تېلىپ ئاغرىشىنى پەسەيتىدىغان بىر ئاددىي ئۇسۇلنى تونۇشتۇردى.
بىز خىزمەت ئۈستىلى ئالدىدا خىزمەت قىلغاندا، كومپيۇتېر ئېكرانى بەك يېقىن بولۇش، ئولتۇرۇش ھالىتى توغرا بولماسلىق، كۆز چارچاش، قول جىددىيلىشىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مۈرە مۇسكۇلىنىڭ تېلىشىنىكەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئىشخانىغا سەپلەنگەن ئۈستەل-ئورۇندۇقلارنى ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ئېگىزلىك،بۇلۇڭ گرادۇسىدا تەڭشەش ناھايىتى تەس بولۇپ، مۈرە ۋە بېغىش تېخىمۇ تېلىپ كېتىدۇ. بۇ چاغدا، تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ قولنى ئىلمان سۇدا يۇيسا ياكى گرىلكا، بىر ئىستاكان ئىسسىق سۇ بىلەن قولغا ئىسسىقلىق ئۆتكۈزگەندە، جىددىيلەشكەن نېرۋىلار ئاستا-ئاستابوشاپ، مۇسكۇللارمۇ تەدرىجىي بوشايدۇ، بۇ ئارقىلىقمۈرىنىڭتېلىپ ئاغرىشنى پەسەيتىكىلى بولىدۇ.