دىققەت! سەككىز خىل دورا قان شېكىرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ

日期:2019年08月30日
来源:天山网
【字体:

دىيابېت كېسىلى يۇقىرى قان شېكىرىنى ئالاھىدىلىك قىلغان مېتابولىزىم خاراكتېرلىك كېسەللىك. يۇقىرى قان شېكىرى ئىنسۇلىن ئاجرىتىپ چىقىرىش كەمتۈكلىكى ياكى ئۇنىڭ بىئولوگىيىلىك رولىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى، ياكى ھەر ئىككىسىنىڭ تەڭ پەيدا بولۇشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ھەر خىل توقۇلمىلار، بولۇپمۇ كۆز، بۆرەك، يۈرەك، قان تومۇر، نېرۋىلارنىڭ ئاستا خاراكتېرلىك زەخمىلىنىشىنى، ئىقتىدارىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنداقتا تۇرمۇشتا قەنتنى كونترولقىلىشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

سەككىز خىل دورا قەنت شېكىرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ

1. ھورمون تۈرىدىكى دورىلار، قەنت پوستىلاق ھورمونى، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى، ئۆستۈرگۈچى ھورمون قاتارلىقلار قان شېكىرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ.

2. ساختا سىمپاتىك نېرۋا تۈرىدىكى دورىلار، مەسىلەن: ساربۇتانول沙丁胺醇 جىگەر ۋە سۆڭەك مۇسكۇلىدىكى گىلكوگىننىڭ پارچىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قان شېكىرىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەمما بۇ خىل دورىنى تۇمانلاندۇرۇش ئۇسۇلىدا بەرگەندە قان شېكىرىگە بولغان تەسىرى بىر قەدەر كىچىك بولىدۇ.

3. قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىدىغان بىر قىسىم دورىلار، مەسىلەن: نىكۇتىن كىسلاتاسى 烟酸 (يەنە ۋىتامىن B3 دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىش بىلەن بىرگە، ئىنسۇلىنغا قارشى تۇرۇشنى كۆپەيتىپ، توقۇلمىلارنىڭ گلۇكوزىدىن پايدىلىنىشىنى چەكلەپ، قان شېكىرىنى بەلگىلىك ئۆرلىتىش رولىنى ئۆتەيدۇ.

4. قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدىغان دورىلار،بۇ تۈردىكىسۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلار بىلەن B ئاكسېپتورنى توسقۇچى دورىلار بىمارنىڭ قان شېكىرى سەۋىيەسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

5. ئىممۇنىتېتلىق تىزگىنلەش دورىسى، مەسىلەن: سىكلوسپورىن环孢素A، تاكموس 他克莫司 قاتارلىقلار بىمارنىڭ ئىنسۇلىن ھۈجەيرىسىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى، پۈۋەكچسىمان كېسەللىك ئۆزگىرىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، شۇ سەۋەبلىك ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىشى ئازىيىپ، ئورگانىزىمنىڭ ئىنسۇلىن قارشىلىقىنى ئاشۇرۇپ، قان شېكىرىنى يۇقىرىلىتىدۇ ھەمدە بۇ خىل قان شېكىرىنى ئۆرلىتىۋېتىدىغان ناچار تەسىرى دورا ئىشلىتىش ۋاقتى ۋە دورا مىقدارى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.

6. روھىي كېسەلگە قارشى دورىلارمۇ قان شېكىرىنى ئۆرلىتىۋېتىشى مۇمكىن.

7. ئاقسىل ئېنىزىمىنى تورمۇزلىغۇچى رېئاكتىۋ قاتارلىق بىر قىسىم دورىلارنى ئىشلىتىپ، ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئېلىپ بارغان ھەم بىر قەدەر ئۇزۇن داۋاملاشقاندىن كېيىن قان شېكىرىگە بولغان تەسىرى بىر قەدەر كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.

8. تۇبىركۇليۇزغا قارشى دورىلارمۇ قان شېكىرىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى