بۇرۇن پۈتۈش، بۇرۇن ياللۇغى بولۇپ قالسا يىڭشياڭ پەللىسىنى ئۇۋۇلاش كېرەك

日期:2019年08月27日
来源:天山网
【字体:

خەلق تورى خەۋىرى: پەسىل ئالماشقاندا، نۇرغۇن كىشىلەردە رېئاكسىيە ئالامەتلىرى يەنە پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. بۇرۇن پۈتۈپ قېلىش، بۇرۇن ياللۇغى باشنى ئاغرىتىدىغانمەسىلىلەرنىڭ بىرى. بۇ چاغدا، ئىككى قول بىلەن يىڭشياڭ پەللىسىنى ئۇۋۇلاپ كېسەللىك ئالامىتىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ. يىڭشياڭ پەللىسى بۇرۇن قانىتىنىڭ ئىككى تەرىپىگە جايلاشقان،يىڭشياڭ پەللىسىنى يۇقىرىقى يىڭشياڭ پەللىسى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ ئۇۋۇلاپ بەرسە، بۇرۇن ياللۇغىنى داۋالاش ئۈنۈمى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. ئىككى قولبىلەن يۈجى پەللىسىنى ئۇۋۇلاشنىڭ پايدىسى شۇكى، ئۇلار بىرلا ۋاقىتتا يۈجى پەللىسىنى غىدىقلايدۇ، بۇ ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەش، ئۆپكىنى بوشىتىش، بۇرۇن بوشلۇقىنى راۋانلاشتۇرۇشتىكى ياخشى ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ.

چۈشۆ پەللىسى: يىڭشياڭ پەللىسى بۇرۇن قانىتىنىڭ سىرتقى گىرۋىكىدىكى گورىزونتال يانغا ئېچىلغان بۇرۇن-كالپۇك ئېرىقچىسى ئىچىگە جايلاشقان؛ يۇقىرىقى يىڭشياڭ پەللىسى بولسا بۇرۇن-كالپۇك ئېرىقچىسىدىن يۇقىرىغا سوزۇلغان بۇرۇن قانىتىنىڭ يۇقىرى گىرۋىكىگە جايلاشقان.

كونكرېت ئۇسۇلى: ئالىقان بىلەن چوڭ يۈجى، بۇرۇن يان كالپۇك ئېرىقچىسىنى، يىڭشياڭ پەللىسىدىن يۇقىرىقى يىڭشياڭ پەللىسىگىچە ئۇۋۇلايمىز.قىسمەن ئورۇن قىزىپ، قىزارغىچە قايتا-قايتا ئۇۋۇلاپ بەرسەك ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. بۇ ئۇسۇل بۇرۇن تېرىسىنى راۋانلاشتۇرۇش، بۇرۇن پۈتۈپ قېلىشنى پەسەيتىش، بۇرۇن ياللۇغىنى داۋالاش رولىنى ئوينايدۇ .